بىرازىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ چىرىكلىشىش دېلوسىغا قارىتىلغان ‹‹ماشىنا يۇيۇش ھەرىكىتى›› نىڭ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، بىرازىلىيەنىڭ سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشى بۇنىڭغا چېتىشلىق بولۇپ چىقتى. 25-نويابىر بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، مىليادېر ئاندرې ئېستېۋېس ۋە بىرازىلىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىدىكى رەھبىرى دېلسىدىيو ئامارال چىرىكلىشىش دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ تۇتۇلۇپ، بىرازىلىيەدىكى ھەر ساھەنى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامارالنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىرازىلىيەدە ۋەزىپىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ تۇنجى قولغا ئېلىنىشى بولۇپ، بۇ زۇڭتۇڭ دىلما رۇسسېف رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ زەربە ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved