خەلق گېزىتى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
3- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيە 2016- يىللىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يەنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كرىزىسقا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. رۇسىيە ئۇچۇر گېزىتىدا بۇ پىلان « رۇسىيە ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش پىلانى » دەپ ئاتالدى.
بۇ پىلان جەمئىي 120 يېڭى تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن، بۇ پىلانغا ئېھتىياجلىق مەبلەغ 880 مىليارد رۇبلىغا يېتىدىكەن. خەلقئارا نېفىت باھاسى چۈشۈپ، رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى توختىماي تەۋرىنىۋاتقان ئەھۋالدا، مەزكۇر پىلان خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ئىمبارگۇسىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved