2-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر 1:30 دا، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 22-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقە ئوينالدى، خان مادرىد ساھىبخان مەيدان ئىسپانىيەلىكلەرنى كۈتىۋالدى. بېنزىما تۇنجى توپنى كىرگۈزدى، رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزدى، خامىس رودىرىگۇز يايسىمان توپ كىرگۈزدى، مادرىد ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 4-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا رونالدو كاللا توپ ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ قالپاق كىيدى، خېسې خائىن توپ ياسىدى، ئەڭ ئاخىرىدا مادرىد 6-0 نەتىجىدە يۇقىرى نومۇر پەرقىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى، ئەمما 2-ئورۇندىكى مادرىد رىقابەتتىن يەنىلا بىر نومۇر ئارقىدا قالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved