باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئايال سوتقا تارتىلدى

      ىۇ فامىلىلىك ئايال تور ئارقىلىق جىياڭ فامىلىلىك ئەر بىلەن تونۇشقان، ھەمدە ئۇنى «تۇتۇق دادا» قىلىۋالغان. خۇ فامىلىلىك ئالدى-كەينى بولۇپ ماشىنا رېمونىت قىلىشقا پۇل كەملىدى دېگەندەك باھانىلەر بىلەن جىياڭ فامىلىلىكتىن پۇل قەرز ئالغان، جەمئىي سوممىسى بىر مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن چاۋياڭ سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

خۇ فامىلىلىك بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار، جىياڭ فامىلىلىك بىلەن QQ ئارقىلىق تونۇشقان. جىياڭ فامىلىلىك ئۇنى قوغلىشىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالام ئاغرىپ قالدى دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن پۇل قەرز ئالغان.

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قىسقا چاچلىق قوڭۇر رەڭ جازىلىق كۆزئەينەك تاقىۋالغان، قىزىل كىيىم كىيىۋالغان خۇ فامىلىلىك سوت مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئۇ بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار. ئىلگىرى 1996-يىلى 9-ئايدا، 2010-يىلى 8-ئايدا ئوغرىلىق جىنايىتى، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يىل ۋە سەككىز ئاي تۈرمىدە ياتقان.

جىياڭ فامىلىلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سالاھىيىتى بىلەن سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەردى، ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. جىياڭ فامىلىلىكنىڭ ئايالىمۇ سوت ئاچقان نەق مەيدانغا كەلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى خۇ فامىلىلىك ئايالنى 2012-يىلى 8-ئايدىن 2014-يىلى 10-ئايغىچە خۇ فامىلىلىكنىڭ QQ دا پاراڭلىشىش ئارقىلىق تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ جىياڭ فامىلىلىكنىڭ بىر مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان دەپ ئەيىبلىدى.

سوتتا خۇ فامىلىلىك جىياڭ فامىلىلىك بىلەن QQ دا تونۇشقاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى قوغلىشىدىغانلىقىنى ئېيىتقانلىقى، ئىككىسىنىڭ ئارلىشىۋاتقانلىقى، ھەمدە جىياڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقانلىقىنى دېدى. ئۇ بالام ئاغرىپ قالدى، پىراۋامنى قايتىدىن بېجىرىمەن، ئاجراشقاندا مۈلۈك بۆلىشىش ئۈچۈن ئادۋوكاتقا پۇل تۆلەيمەن دېگەندەك تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جىياڭ فامىلىلىكنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

خۇ فامىلىلىكنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭ قارىشىچە بىر مىليون 800 مىڭ يۈەن ئىچىدە مۇشۇ بىر مىليوندىن باشقا پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىق ئىسپاتى يوق ئىكەن. جىياڭ فامىلىلىك خۇ فامىلىلىك ئايالنى «تۇتۇق قىزىم» دەپ چاقىرىدىكەن، خۇ فامىلىلىككە پۇل لازىم بولسىلا ئۇ ئىككىلەنمەستىن قارىغۇلارچە پۇل ئۇرىدىكەن، بۇ خىل ئادەت خۇ فامىلىلىكنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا پۇل سورىشىغا تۈرتكە بولغان ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا خۇ فامىلىلىكنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن خەتىرى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرماي ئىقرار قىلغان بولغاچقا سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ جىنايىتىنى %20 يەڭگىللىتىپ جازا بېرىشنى ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن.

جىياڭ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ خۇ فامىلىلىك تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خۇ فامىلىلىك جىددىي ئىشىم چىقپ قالدى دەپ ئۇنىڭدىن پۇل سورىغان، ھەر قېتىم 1000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، جەمئىي بىر مىليون 800 مىڭ يۈەن ئىكەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا جىياڭ فامىلىلىك نەق پۇلنى ئاپتوماتىك پۇل ساقلاش ماشىنىسىدىن خۇ فامىلىلىكنىڭ جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ۋە ياكى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىدىكەن. يەنە بىر نەچچە قېتىم بىۋاستە كارتىدىن يۆتكەپ بېرىپتۇ.

جىياڭ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە بىرىنچى قېتىم خۇ فامىلىلىككە پۇل ئۇرغان ۋاقىت 2012-يىلى 8-ئاي بولۇپ، خۇ فامىلىلىك ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالغانلىقى، رېمونىت قىلىش ئۈچۈن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، شۇنىڭ بىلەن جىياڭ فامىلىلىك ئۇنىڭغا 500 يۈەن سېلىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن خۇ فامىلىلىك بالام ئاغرىپ قالدى دېگەندەك تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى توقۇپ چىققان.

2013-يىلى 7-ئايدا جىياڭ فامىلىلىكنىڭ ئايالى قويۇپ بېرىلدى. خۇ فامىلىلىك «تۇتۇق ئانىسى»نىڭ بىكار قىلىۋېتىلگەن پىراۋىسىنى بېجىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتىپ، جىياڭ فامىلىلىكتىن پۇل ئالغان.

2013-يىلى4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە جىياڭ فامىلىلىك خۇ فامىلىلىككە جەمئىي 635 مىڭ 700 يۈەن پۇل بەرگەن.

جىياڭ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە ئايالى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خۇ فامىلىلىك ئۆزىگە ياردەم قىلمىغاچقا ئۇ خۇ فامىلىلىكتىن پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خۇ فامىلىلىك بولسا ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن مال-مۈلۈك بۆلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ توڭلىتىۋېتىلگەنلىكى، پۇلنى ئىشلىتىش ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققى كېتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، شۇنىڭ بىلەن جىياڭ فامىلىلىك رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنە پۇل ئۇرۇپ بەرگەن. جىياڭ فامىلىلىك ئالدى-كەينى بولۇپ خۇ فامىلىلىككە 334 مىڭ 100 يۈەن پۇل ئۇرۇپ بەرگەن.

جىياڭ فامىلىلىك ھەر قېتىم خۇ فامىلىلىككە پۇل ئۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن خۇ فامىلىلىكنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلەرنى تېپىپ پۇل قايتۇرۇشنى ئارقىغا سۈرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. 2014-يىلى 10-ئايدا ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خۇ فامىلىلىككە پۇل ئۇرۇپ بەرگەن. ئۇ بارا-بارا خۇ فامىلىلىكنىڭ پەقەت پۇللا ئېلىپ ئىش بېجىرمەيدىغانلىقى، سېپى ئۆزىدىن بىر ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ساقچىخانىغا كېلىپ دېلو مەلۇم قىلغان.

جىياڭ فامىلىلىك خۇ فامىلىلىكنىڭ ئوغلىدىن پەقەت نەچچە ياشلا چوڭلىقى، تېلېفون قىلغاندا ئۆزىنى «تۇتۇق دادا»، ئايالىنى «تۇتۇق ئانا» دەپ چاقىرىدىغانلىقى، ھەمدە ئۆزىنى ئىنتايىن باي كۆرسىتىدىغانلىقى، خۇ فامىلىلىك بىلەن كۆرىشىش ئۈچۈن ئالدى-كەينى بولۇپ 20-30 قېتىم كۆرىشىشكە بارغانلىقى، لېكىن ھەر قېتىم خۇ فامىلىلىكنىڭ تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. سوت ئېچىش ئالدىدا ئۇ ئەزەلدىن خۇ فامىلىلىكنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بەرگەن پۇللارنى ئۇمۇ باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغان بولغاچقا خۇ فامىلىلىكنى پۇلنى قايتۇرۇشقا قىستىغان.

ئەرز قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئىسپات ۋە جىياڭ فامىلىلىك ئېيىتقان پۇلنىڭ سوممىسىغا قارىتا خۇ فامىلىلىك كۆپىنچە:«مېنىڭ كېسىلىم بار، دورا يەۋاتىمەن، ئىلگىرىكى ئىشلار ئېسىمدە يوق.» دەپلا جاۋاپ بەردى.

سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باش سوتچى لىيۇ لىبىڭنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن خۇ فامىلىلىك سوت مەيدانىغا كەلگەن ئانىسى بىلەن قىسقىغىنە پاراڭلاشتى، ھەمدە «ئۆزۈڭنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال.» دېدى.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
25-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 24-ماي، دۇنيا بوكس پادىشاھى تايسىن IBF جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭنىڭ خۇەيرۇ تەۋەسىدىكى مۇتيەنيۇ سەددىچىن سېپىلىدا نامايان بولدى. بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن مايكىل تايسىننىڭ ساقاللىر...
25-05-2016
    2016-يىلى 23-ماي، 24-ماي ۋە 26-ماي كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىزگىچە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېڭە ۋە روھىي كېسەللەر تەتقىقات مەركىزىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە ئۈرۈمچى شەھىر...
25-05-2016
مەن ئىنتايىن تەلەيلىك ئەر، چۈنكى مۇشۇنداق ساھىبجامال ئايال ماڭا نائىل بولدى» دەپ يازغان. نېغمەتنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى پاشاگۈل دولقۇن، شىنجاڭلىق، بۇرۇن چەت ئەلدە ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بېيجىڭدا خىزمەت قىلغا...
24-05-2016
يەر شارى تورىنىڭ 24-ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 23-ماي، مايۈن ۋە ئالى بابا بېلگىيەدە پەيدا بولدى. بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ ۋە باش ۋەزىر مېچېل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ماي...
24-05-2016
    شالغۇت قان سىستېمىسىدىكى مودېللاردىن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغىنى ئاسىيا مودېلى تىڭجىڭ لىنا ۋە شۇييۈەن شىزى بولۇپ، يېقىندا داڭقى چىققان شەنتيەن جىمېي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ كىچىك تۇرۇپلا چىرايى بەك گۈزەل. ...
Powered by Leglek