ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 4-يانۋار كەچتە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىراننى دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ۋەزىيەتنى پەسەيتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رايون تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved