رۇسىيە تۈنۈگۈن ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ قېلىپ ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى تۈزۈمىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاراسىن مۇنداق دېدى: بۇ خىل سۆزلىشىش ناھايىتى مۇھىم، لېكىن كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشنى قانچىلىك دەرىجىدە خالىشى بىر مەسىلە.
شۇ كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېكىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ھەربىيلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ شەرقىي رايوندىكى ھەرىكىتى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرلەردە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرلەردە دورا كەمچىل، يېمەكلىك تەمىناتى پات پات ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك بالايى ئاپىتى يېقىنلاپ قالدى. ئۇكرائىنا ھەربىي ۋە ساقچىلىرىنىڭ جازا يۈرۈش ھەرىكىتى پۇقرالار ئارىسىدا يېڭىدىن ئۆلۈم يىتىم پەيدا قىلماقتا.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كىيېۋدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يار ئېغىزىدىن قايتىپ، قان تۆكۈشنى توختىتىپ، قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشىنى ھەمدە ئاخىردا سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ كرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە نورمال سۆزلىشىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved