13-فېۋرال جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن شاڭخەيدە شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 60تىن ئارتۇق تەيۋەنلىك سودىگەرلەر ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى ھەمدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىياتىغا داۋاملىق ئىلھام بېرىدىغانلىقى، تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئىگىلىك يارىتىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك سودىگەرلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرغا قويغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشىغا پائال ھەمكارلىشىپ، تەيۋەن كارخانىلىرى ۋە سودىگەرلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved