دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مۇھەببەت ۋە نىكاھقا بېرىلىدىغان ئېنىقلىمىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن يەكۈنلەنگەن تۆۋەندىكى بەش مىزان بەختلىك ئائىلە ۋە نىكاھنى قوغداشنىڭ قالقىنى بولالايدۇ.
قۇسۇر ئىزدەش. گەرچە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىدىن قۇسۇر ئىزدىشى قارشى تەرەپكە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قۇسۇر ئىزدىگۈچىلەر ئاسانلا يات جىنىسلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن. شۇڭا مۇۋاپىق يوسۇندا ئۆزئارا نازارەت قىلىش نىكاھنى پۇختىلايدىكەن.
رىقابەتكە تولغان مۇھەببەت. كۆپىنچە كىشىلەر ياخشى كۆرۈش مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا ماسلىشىش ھەقىقىي بەختنىڭ ئۇلىدۇر. ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ھەل قىلىشى مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.
ماختاش بىلەن سوغۇق سۇ سېپىش. جورىسى يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى مۇھىم. بۇنداق ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن سوغۇق سۇ سېپىپ تۇرۇش ئەر-خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بىر مىنۇتتا ۋەزىيەتنى ئوڭشاش. تېز تۇرمۇش رېتىمى ۋە خىزمەت بېسىمىدىن چارچىغان، مۇڭدىشىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئەر-خوتۇنلار بىر مىنۇتتا كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدىكەن. مەسىلەن، يۇمۇر ئېيتىش قاتارلىقلار.
نىكاھىنى «قەرەللىك تەكشۈرۈش». ھەر يىلدا ئەر-خوتۇنلار ئۆز-ئۆزىدىن «ئۇ ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقنى ماڭا ئېيتىپ بەردىمۇ؟ مەن ئۇنى قوللىدىممۇ؟ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىدىممۇ؟»دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ بىرەسىگە «ياق» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز نىكاھىڭىزغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved