Prada ماركىسى دەسلىپىدە جەمەت شەكلىدىكى خۇرۇم جابدۇقلارنى ياسايدىغان قول ھۈنەر دۇكىنى بولۇپ، Miuccia prada (ئەركىلەتمە ئىسمى ميۇميۇ) مۇشۇ دۇنياغا داڭلىق جەمەتتە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپ سەنئەتكە قىزىقىدىغان ميۇميۇ كېيىن بۇ ماركىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان.
ميۇميۇ يىگىرمە ياشقا كىرگەندە بىر ياش رەسسامغا ئۇچراپ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، ئەمما ميۇميۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ بۇنداق بىر كەمبەغەل يىگىت بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئەزەلدىن دېگىنىنى قىلىدىغان ميۇميۇ سۆيگۈنى بىلەن گىرېتسىيەگە قېچىپ بېرىپ توي قىلىشنى ئويلاپ بىر ئايروپىلاننى ئىجارىگە ئالىدۇ. ئەمما ئايروپىلان ئۇچۇش يولىدا بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئۇچقۇچى بىر پاراشوتنى ئېلىپ ئايروپىلاندىن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىدۇ. ياش رەسسام يەنە بىر پاراشوتنى ميۇميۇنىڭ مۆرىسىگە ئارتىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ ئايروپىلاندا پەقەت ئىككىلا پاراشوت بارلىقىنى بايقايدۇ. ميۇميۇ سۆيگۈنى بىلەن ئۆلۈمدىمۇ بىرگە بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن رەسسام ميۇميۇنى ئايروپىلاندىن سىرتقا ئىتتىرىۋېتىدۇ.
قۇتۇلۇپ قالغان ميۇميۇ ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ، كېيىن دۇنياغا داڭلىق Prada ماركىسىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى بولىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ئېڭى بار بىر سودىگەرگە ياتلىق بولىدۇ ۋە Prada ماركىسىنىڭ قوشۇمچە ماركىسى MIU MIU (ئەركىلەتمە ئىسمىنى ماركا نامى قىلغان) نى روياپقا چىقىرىدۇ.
ۋەقە يۈز بېرىپ 20 يىلدىن كېيىن ميۇميۇ بىر پارچە رەسىمنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان خەتنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەتنى ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى سۆيگۈنى يازغان ئىدى. ئۇ خېتىدە ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساق قالغانلىقىنى، ئەمما ئوڭ قولىدىن ئايرىلىپ، يۈز-كۆزلىرىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى يازىدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە سول قولى بىلەن رەسىم سىزىشنى مەشىق قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ميۇميۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. ميۇميۇ ئۇنى ئۇزۇن يىل ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن تاپالمايدۇ. تۇنجى سۆيگۈنىنى ئەسلەش ئۈچۈن ميۇميۇ ئەينى چاغدا ساقلاپ قالغان پاراشوتتا سومكا لايىھەلەيدۇ. مانا بۇ Prada ماركىسىدىكى دۇنياغا داڭلىق پاراشوت سومكىسىنىڭ ھېكايىسىدۇر.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved