چەتئەللەردىكى رۇسلار نېمە ئۈچۈن پۇتىننىڭ بىر كوزىرىغا ئايلىنىپ قالدى؟

بۇ يىل 18-مارت قىرىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن «رۇسىيە ئۇكرائىنانى پارچىلىۋېتىشنى ئويلىمايدۇ، ئەمما ئۇكرائىنا ئۆز دۆلىتىدىكى رۇسلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى» دېدى. ئارقىدىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىس كەسكىنلىشىپ كەتتى، پۇتىن يەنە ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس تىللىق ئاممىنى قوغدايمىز» دېدى.


پۇتىن بۇ سۆزلىرىدە دېگەن قوغدىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەللەردىكى رۇسلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ لوگىكىسى ناھايىتى ئېنىق، پۇتىن ئانىسى رۇسىيەنىڭ چاكىرى، بالىلىرى گەرچە ياقا يۇرتلاردا بولسىمۇ، ئانىسى بالىلىرىنى قوغدايدۇ.
يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ زېمىنىدا 25 مىليوندىن ئارتۇق رۇس ياشايتتى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، بۇ رۇسلار رۇسىيەگە قايتىپ كەتمىدى، بەلكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، رۇسىيەنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان بۇ رۇسلارنىڭ نوپۇسى سەل ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نوپۇسى 16 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى ئۇكرائىنا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، بېلورۇسىيە، لاتۋىيە، قىرغىزىستان، مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇ دۆلەتلەردىكى رۇسلارنىڭ نوپۇسى ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىڭ، كۆپ بولغاندا نەچچە مىليونغا يېتىدۇ.


شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇكرائىنانىڭ 2013-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 45 مىليون 550 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇكرائىنلار %77 نى، رۇسلار %17 نى ئىگىلىگەن، رۇسلارنىڭ نوپۇسى سەككىز مىليونغا يېقىنلاشقان، بۇ رۇسلار ئاساسلىقى رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ياكى رۇسىيەگە يېقىن شەرق ۋە جەنۇبتىكى رايونلارغا تارقالغان؛ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەت لاتۋىيەدىكى رۇسلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى %26.9 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 17 مىليون 187 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار %65 نى، رۇسلار %22 نى ئىگىلەيدۇ، رۇسلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تۆت مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى قازاقىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا تارقالغان. بۇ رايونلار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونلىرى ئىدى، بەزىلىرى ھازىرمۇ يەنىلا مۇھىم سانائەت بازىلىرى بولماقتا.

 

سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، رۇسلار ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە ناھايىتى مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى ئەمەلدار، ئالىم، ئىنژېنېر، زىيالىي ۋە مەخسۇس تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىمپېرىيە پۇقرالىرى ئارقىدىنلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ يانداش رولچىلىرىغا ئايلىنىپ قالدى.

قازاقىستاننى مىسالغا ئالساق، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قازاقلار قازاقىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %40 نى ئىگىلەپ، رۇسلارنىڭ نوپۇسى بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىدى، ئەمما قازاقىستاننىڭ دۆلەت پارلامېنتى، پىرېزىدېنت ئىشخانىسى، دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك ئورگىنى، تاموژنا، بانكا، دۆلەتنىڭ باج ئورگانلىرى ھەم پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرىدىكى مۇھىم ئورۇنلار مەسئۇللىرىنىڭ %80 تىن %90 گىچە بولغان قىسمىنى قازاقلار ئۈستىگە ئالغان؛ 1992-يىلى پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان 38 كىشىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئىسىملىكىدە، بىرمۇ رۇس يوق ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى سەرخىللار توپى بىراقلا يېڭى مۇستەقىل دۆلەت ئىچىدە چەتلەشتۈرۈلگەن پۇقرالارغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇكرائىنادىكى رۇسلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىدى.


بىراق 20 نەچچە يىللىق يانداش رولچىلىق ئورنى بۇ رۇسلارنى بويسۇنۇپ ياشايدىغان قىلىپ قويمىدى، ئەكسىچە ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئاساسلىق روللارنى ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۈچ ئوبلاستتىكى يەرلىك رۇسلار رۇسچە سۆزلىشىدۇ. لېنىن كوچىسىدا ماڭسىڭىز، رۇسلارنىڭ لېنىننىڭ ھەيكىلى ئالدىدا تۇرغىنىنى، رۇس كارخانىلىرىنىڭ زاكازلىرىنى كۆرىسىز، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى شانلىق يىللارنى سېغىنغان دېگەندىن كۆرە، ئۇلار ئەينى يىللاردىكى خوجايىنلىق ھېسسىياتىنى سېغىنغان دېگەن تۈزۈك. شۇڭا، غەرب تەرەپتىكى ئۇكرائىنانىڭ سىياسىي سەرخىللىرى رۇس تىلىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقارغاندا، شەرقتىكى رۇسلارنىڭ غەزىپى پەلەككە يەتكەن ھەم نارازىلىق سادالىرى كۈچىيىپ كەتكەن.
رۇس تىلى پەقەت ئۇكرائىنادىلا چەكلەنگەن ئەمەس، 2007-يىلى قازاقىستانمۇ رۇس تىلىنى چەكلىگەن، بىراق رۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غەربتىكى تۆت ئوبلاست ۋە جەنۇبتىكى ئۈچ ئوبلاست بىلەن چەكلەنگەن، يەنە تېخى ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي تارماق بولغان جۇمھۇرىيەت ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گەرچە ئەينى چاغدا رۇسلار غەلۋە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا بىلەن ئاستانە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىناق بىللە تۇرۇش بولغاچقا، بۇ مەسىلە ئىككى تەرەپنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلمىگەن، پۇتىنمۇ قاتتىق قوللۇق قىلمىغان، بۇ جايدىكى رۇسلارمۇ شۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلالمىغان.

 

ئەمما بۇ قېتىم ئۇكرائىنا يېڭى ھۆكۈمىتى رۇسىيەپەرەس يانۇكوۋىچنى موسكۋاغا قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ياۋروپانىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى، قىرىم ۋە شەرقتىكى رۇسلار غەزەپلىنىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى، پۇتىن بولسا دەرھال بۇ تېپىلغۇسىز ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى چەتئەللەردىكى رۇس مۇساپىرلىرىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىگە ئايلاندى. شۇندىن كېيىن 3-ئايدا قىرىم ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قارار قىلدى، 4-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە كەسكىن ئۆزگىرىش بولدى.


ئەگەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىسنىڭ تېخى ئاخىرى چىقمىدى دېسەك، ئۇنداقتا قىرىمنى يۇتۇۋېلىشنى رۇسىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئېلىشىشىدىكى ئەڭ يېڭى بىر كوزىرى دېيىشكە بولىدۇ. 18-ئەسىردىن تارتىپ، قىرىم رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قارا دېڭىزغا چىقىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ كەلدى. قىرىمنى ئۆز دائىرىسىگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى تۈركىيە بىلەن توققۇز قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلدى، يەنە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن بىر مەيدان ئېچىنىشلىق قىرىم ئۇرۇشىنى قىلىپ، ئېغىر بەدەل تۆلىدى. قارا دېڭىز فىلوتى تۇرۇشلۇق سىۋاستوپول بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتا ئېچىنىشلىق قوغداش ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى قىرىم كىرىزىسىدا، پۇتىن ئەسكەرلىرىنى تەق قىلىپ، بىر ئەسكەردىنمۇ زىيان تارتمىغان ئەھۋالدا، قىرىم بىلەن سىۋاستوپول رۇسىيەگە قوشۇلماقچى بولدى.


پۇتىن ئۆزىنىڭ قاتتىق سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كىچىك شېرىكلىرىگە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان ئاشۇ ئاددىي رۇس پۇقرالىرىغا سەل قارىماڭلار، ئۇلار موسكۋانىڭ قولىدىكى بىر كوزىر، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، ئۇلار خالىغان چاغدا رۇسىيەنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى باھانىسىغا ئايلىنىدۇ دېگەننى ئۇقتۇرۇپ قويغاندەك قىلىدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
07-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek