كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ۋە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئورگان تېۋىتېىرىدا ئېلان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان يارىسىنى داۋالىتىۋاتقان نېيمار ياپونىيەگە كېلىپ مەيدان سىرتىدا مەشىق قىلىشنى باشلىغان، بىراق گۇاڭجۇ خېڭدا بىلەن ئوينىلىدىغان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىكەن، ئەگەر بارسېلونا ھەل قىلغۇچقا كىرىپ قالسا، نېيمار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
نېيمار ياپونىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كوماندىىنىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى بىلەن مەيدان سىرتىدا يۈگۈرۈپ بەدەن قىززىتقان، بىراق كوماندىدىكىلەر بىلەن مەشىققە قاتناشمىغان. مەشقاۋۇل ئېنرىكمۇ، يېرىم ھەل قىلغۇچتا نېيمارنى مەيدانغا چىقىرىش تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىق، نېيمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ھەل قىلغۇچتا مەيدانغا چىقىرىش ياكى چىقارماسلىقنى قارار قىلىمەن دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved