2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان ئۇرۇش قايسى؟

       ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سان-ساناقسىز ئادەم ئۆلگەن ئېچىنىشلىق ئۇرۇشلار ناھايىتى كۆپ بولغان. موسكىۋانى قوغداش ئۇرۇشى، سىتالىنگىراد ئۇرۇشى، كېيىۋنى قورشاش ئۇرۇشى، بېرلىننى قورشاش ئۇرۇشى، ئادىن قايتۇرما ھۇجۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئىنتايىن كۆپ بولغان چوڭ ئۇرۇشلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ستالىنگىراد ئۇرۇشى ئەھمىيىتىمۇ ئىنتايىن چوڭ، ئۆلۈش-يارىلىنىشمۇ ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق جەڭدىن ئىبارەت.

       ستالىنگىراد ئۇرۇشى ستالىنگىرادنى قوغداش ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇشنى تەپسىلىي جەريانى مۇنداق: 1942-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيەسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ستالىنگىراد شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. ئاۋۋال گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسى ستالىنگىراد شەھىرىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغان. كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شەھەر رايونىغا كىرىپ كوچا ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. سوۋىت ئارمىيەسىمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى ئارمىيەسىنى قورشاۋغا ئالغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى شەرقىي فىرونت جەڭ مەيدانىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئەسكىرىي كۈچىنى زىيان تارتقان ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالالماي ھالاكەتكە قاراپ ماڭغان.


      ستالىنگىراد ئۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شۇنداقلا ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئۇرۇشلارنىڭ بىرى. پۈتۈن ستالىنگىراد ئۇرۇشى 199 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، سوزۇلغان ۋاقتىنى ئۇزۇنلۇقى، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى ھەمدە ئۆلگەن-يارىلانغانلا سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنى تولۇق ستاتىستىكا قىلىش مۇمكىن بولمىغان. ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىمۇ گېرمانىيە ئارمىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ سوۋىت ئارمىيەسىگە خېلى زور زىيانلارنى كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋىت ئارمىيەسى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ خىللانغان قىسمى بولغان ئالتىنچى كورپۇسنىڭ پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچىنى ھەمدە تۆتىنچى بىرونىۋىكلار قىسمىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى يوقاتقان. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى پۈتۈن ئۇرۇشتا جەمئىي 600 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 300 مىڭ گېرمانىيە ئەسكىرى، 150 مىڭ رومىنىيە ئەسكىرى، 70 مىڭ ئىتالىيە ئەسكىرى، 50 مىڭ ۋېنگىرىيە ئەسكىرى ۋە 50مىڭ ئەتراپىدا سوۋىت قورچاق ئەسكەرلىرى بار. گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆلگەنلەر ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەر سانىنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، 96مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن. سوۋىت ئارمىيەسىدىن ئۆلگەنلەر سانى 474 مىڭ 871 ئادەم، ئەسىرگە چۈشكەنلەر سانى بولسا 974 مىڭ 734 ئادەم بولغان. گېرمانىيە ئارمىيەسى شەھەر رايونىغا ھۇجۇم قىلغان قىسقىغىنە بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن پۇقرالار سانى بولسا ئېنىق ستاتىستىكا قىلىنمىغان، لېكىن بۇ ساندىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.


      ستالىنگىراد ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 1945-يىلى ستالىنگىراد شەھىرىنىڭ ئىسمى «قەھرىمانلار شەھىرى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 60-يىللاردا سوۋىت ئارمىيەسى شەھەر سىرتىدىكى تاغ باغرىغا ئېگىزلىكى 52مىتىر كېلىدىغان «روسىيە ئانا خاتېرە مۇنارى» قوپۇرغان. خاتېرە مۇنارىغا ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بىر قىسىم داڭلىق ئىمارەتلەرنىڭ ئىزناسى چۈشۈرۈلگەن، بۇ جاي ھازىرغىچە داڭلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.


     ستالىنگراد ئۇرۇشى ناتسىست گېرمانىيىسى ھەربىي ئىستىراتىگىيە جەھەتتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىك مەغلۇب بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 1941-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كېلىشتەك ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغان ھەمدە گېرمانىيە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىكى سېلىشتۇرمىسىنىڭ روشەن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دۇنيا ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا ستالىنگىراد ئۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
01-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek