ماي قەلەم ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان ئوقۇش قورالى. يول بويىدىكى كىچىك دۇكانلارغا كىرسىڭىزمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئەرزانلىرى بىر يۈەن، قىممەتلىرىمۇ بەش يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماي قەلەم ئېكىسپورت قىلىدىغن دۆلەت بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي تەمىنلەش مىقدارىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگولۇقلار ئۆزى سۈپەتلىك ماي قەلەمدىن بىر تالمۇ ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، ماي قەلەم شارىكى ئىشلەش ئىقتىدارى يوق دېسە ئىشىنەمسىز؟ ئەمەلىيەت شۇنداق رەھىمسىز. جۇڭگو راۋان خەت يازغىلى بولىدىغان ماي قەلەم ياسىيالماستىنلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەر يىلى 200 مىليون يۈەنلىك ماي قەلەم سىياھى كىرگۈزىدۇ. ھەر بىر تال سىياھىتىن يوقنىڭ ئورنىدىكى پايدىغا ئېرىشىدۇ. قالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم پايدا گېرمانىيە، ياپونىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە دۆلەتلەرگە قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ تېخنىكا راستىنلا تۆۋەنمۇ؟ مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭ ئۇنچىلىك ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ.
بۇ يەردە ئالدى بىلەن شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، ماي قەلەم شارىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىسى كۆرۈنگىنىدەك ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز بىلەن ئاسمان-زېمىن قىلىدۇ. «بىز نېمە ياخشىراق بىرەر تال ماي قەلەم ياسىيالمايمىز؟» ناملىق ماقالىدە مۇنداق چۈشەندۈرگەن: قەلەم ئۇچى ئېغىزىنىڭ قېلىنلىقى 0.1 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. مەسىلەن، جىق ئۇچرايدىغانلىرى 0.08 مىللىمىتېر، 0.05 مىللىمېتىر كېلىدۇ. لېكىن ھەر خىل يېزىش ھالەتلىرى ئېلىپ كەلگەن بېسىم ۋە سۈركىلىشلەرگە بەرداشلىق بېرىش كېرەك. يەنە تېخى شارىك بىلەن تولۇق بىرىكىشى، خەت يازغاندا راۋان بولۇشى، سىياھ قاچماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىقلىقى، قەلەم ئېغىزنىڭ چوڭ-كىچكلىكى، سىياھنىڭ ئورنى قاتارلىقلار مۇكەممەل بىرىكىشى كېرەك. شۇڭا قەلەم ئۇچىنىڭ پارامېتىرىنى ھېسابلاش ئىنچىكىلىكتە شۇدەرىجىگە يەتكەنكى، چاچ تالاسى دىئامېتىرىنىڭ 10 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئىش قوشقاندىكى خاتالىق پەرقىمۇ 0.3 سى (بىر چىنىڭ 100 مىڭدىن بىرىگە تەڭ بولغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى) دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بۇنداق شارىكنى ياساش ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر قېلىپ بولۇشى كېرەك. قېلىپ بارلىق سانائەت ئىشلىرىنىڭ ئاساسى. قېلىپ تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىر دۆلەتنىڭ ياساش كەسپى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى. لېكىن دۆلىتىمىز ياسىغان قېلىپلار مەيلى ماتېرىيال ئىقتىدارى بولسۇن ياكى سۈپەت ۋە تۈرى جەھەتتە بولسۇن گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، كورىيە، فىرانسىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ. بەلكىم جۇڭگو ياسىغان ماي قەلەمدە خەت تولىمۇ قوپال چىقىشى، سىياھ قېچىپ كېتىپ، بىردەمدىلا قوللىرىمىز سىياھ بىلەن بويىلىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. بەلكىم سەل ناچارراق ماي قەلەم ئىشلىتىپ باققانلار كىيىملىرى ۋە قوللىرى بۇلغىنىپ كېتىدىغان بۇنداق ئەھۋالغا كۆپ ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى بۇ يەردە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
زۇڭلى لى كېچياڭ بۇلتۇر دۆلىتىمىزدىكى پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئالاھىدە تۈرىدىكى سۈپەتلىك پولات ماتېرىياللىرىنى سىرتتىن كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېخنىكا نېمىشقا بۇنداق تۆۋەن بولىدۇ؟ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاڭ تاۋنىڭ قارىشىچە، جۇڭگودا بۇ ساھەدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەن. ئەمىسە نېمىشقا كەمچىل بولىدۇ؟ مائارىپتا مەسىلە بارمۇ-يوق؟
جۇڭگو مائارىپىدا بۈگۈنگە قەدەر نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئايرىۋېتىلگەن. بۇنىڭ زىيىنىنى بۇرۇن گېرمانىيەمۇ تارتقان. لېكىن گېرمانىيەلىكلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقنى كۆرۈپ، ئەمەلىيەت بىلەن نەزەرىيەنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخنىكىسى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلغان. ۋاقتىدا ئويغىنىپ، «نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش» يۆنلىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. پۈتۈن كۈچى بىلەن پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگەن. كېيىن گېرمانىيە تەرەققىي قىلىپ، مەيلى ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتە بولسۇن دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن. جۇڭگومۇ گېرمانىيەدىن ئۆگىنىشى كېرەك.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مائارىپتىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ساقلانغان. مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ئىقتىساد ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلمايدىغان. مەسىلەن، ئۆي-مۈلۈك كەسپى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ئاساس قىلغان چوڭ كارخانىلاردا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەم ، باشقا ساھەلەردىكى قىممەت قارشى ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى تولىمۇ قالايمىقان. سۆزلەپ كەلسەك يەنىلا كىشىلەردە مەسىلە كۆرۈلدى. جۇڭگولۇقلار بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، ئالدىراقسان، ھۈنەرۋەنلەرگە خاس روھ يوق. مۇقىم بىر ئىشنى قىلالمايدۇ. بۇ تېخنكىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋاملىشالماسلىقى، يېڭىلىقلارنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشمۇ تەسلىشىپ كەتكەن. بۇنداق مۇھىتتا جۇڭگو بۇ قىيىن ۋەزىپىلەرنى قانداق تاماملايدۇ؟ گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكىلارغا قانداق يېتىشىدۇ؟
شۇڭا پەقەت تېخنىكا ئايلىنىشى ۋە يۆتكىلىش مىخانىزىمى راۋان بولغاندا،ھۈنەر-سەنئەت كاپالەت مىخانىزىمى مۇقىم بولغاندا، ئىختىساسلىقلار ۋە ئىشەنچلىك بازار مىخانىزىمى پىشىپ يېتىلگەندە، كىشىلەر مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى بىلگەندە، ماي قەلەم شارىكىلا ئەمەس ئىنتايىن يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئاپتوموبىل ماتورى، ئايروپىلان ماتورى قاتارلىقلارنىمۇ ياسىيالايدىغان بولىدۇ. لېكىن بۇلارنى قىلالمىغاندا، خەق سېنى قالاق دېسە، يەنە كۈچەپ زاكونلاشقاننىڭ ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى خەقنىڭ دېگىنى ئەمەلىيەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved