ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىگىسى ئابلاجان بىلال مېھمانخانا ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ ، سىرتتىكى مەنزىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى . ئابلاجان بىلال يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالغاندىن كېيىن ، 49.5 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ ئۆينى كۆزدىن كەچۈردى .
شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ لىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، چۇنخې جىڭمىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي تۇرالغۇ رايونى شەھىرىمىزدىكى تۇنجى ئېگىز قەۋەتلىك ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي رايونى بولۇپ ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 123 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن ، 11 بىنادا 2129 يۈرۈش ئۆي تەقسىملەنگەن . بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەممە تەرەپلىك نازارەت قىلىش ئەسلىھەلىرىدىن باشقا ، يەنە سۇ ، توك ، پار، گاز ، سىملىق تېلېۋىزىيە ، تېلېفون ، تور قاتارلىق ئەسلىھەلەرمۇ ھەممىسى نەقلەشكەن ، ھازىرغىچىلىك بۇ رايوندىكى 1255 يۈرۈش ئۆي تەقسىم قىلىنىپ بولغان . قالغىنى بۇ يىل ئىچىدە نومۇر سىلكىش ئارقىلىق تەقسىملىنىدىكەن .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved