ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇنبىرىدە، چاققان ھەم ئوماق بولغان مۈشۈك باشقىلارنىڭ «قىزىقارلىق چولپىنى» غا ئايلىنىپ قالغان. بۇ مۇنبەرنىڭ تەھرىرىلىرى بۇ مۈشۈكنىڭ رەسىملىرىنى PS قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل داڭلىق كىشىلەر بار بولغان مۇھىتقا ئېلىپ كىرگەن. مەسىلەن: مايكول جېكسونىڭ ئويۇن قويۇشى ۋە Michelangelo نىڭ داڭلىق رەسىمى قاتارلىقلار.
بۇنداقPS چوڭ ئۇرۇشى مۇشۇ توربەت ئابونتلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇ بىر مۈشۈكنىڭ بەدىنىنى تولغاۋاتقان رەسىمىنى بۇ تورغا يوللىغان. نەتىجىدە بۇ مۈشۈك ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇنلىغان PS رەسىملەر كەينى كەينىدىن مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان. رەسىمدە مۈشۈك داڭلىق چولپان مايكول جېكسون بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشكەن كۆرۈنۈش.
ئۇ يەنە مۇنداق تەنھەرىكەتلەرنىمۇ قىلالايدىكەن.
زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىدىكى تەڭداشسىز مۈشۈك
مۈشۈك ناپالېئون قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەن.
كىنوغا كىرىشتۈرۈلگەن قەيسەر مۈشۈك.
![]() |
4-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەيۋەندە ئورۇندۇق چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە ئۆز ئارا بەسلەشتى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 23-ئاپرېل، رۇسىيەنىڭ ئومسكى رايونىدا بوۋاقلارنىڭ ئۆمىلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بوۋاقلارنىڭ ئوماق قىلىقلىرى كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved