تايلاند خان جەمەتى قوغدىغۇچىلار ئەترىتى 3-دېكابېر مۇراسىم كىيىملىرى ۋە مۇراسىم شىلەپىلىرىنى كىيىشىپ، خان جەمەتى مەيدانىدا تايلاند پادىشاھىنىڭ 88 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاراتتىن ئۆتمەكتە. قوغدىغۇچىلار بىلەن ئاتلىق ئەسكەرلەردىن باشقا، زەمبىرەكچىلەر قىسمىمۇ بار بولۇپ، نۇرغۇن خەلق ئاممىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىۋالغان. تايلان پادىشاھىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، تايلاند خان جەمەتى قوغدىغۇچىلىرى 3- دېكابىېر چۈشتىن كېيىن، خان جەمەتى مەيدانىدا پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىملىق پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىنى خان جەمەتى ئوركىستىر ئۆمىكى، قوغدىغۇچىلار ئەترىتى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە زەمبىرەكچىلەر ئەتىرىتىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولمايلا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر خانلىق مەيدانىغا يىغىنىلىپ، ئۇلارنى ساقلىغان، خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەئىس سەھنىسىگە پادىشاھنىڭ ھەربىي فورما كىيگەن سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، تەرتىپ بويىچە تايلاند دۆلەت مۇزىكىسى ئورۇندىلىپ، پادىشاھقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەن.
تايلاند پادىشاھى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 88 ياشقا كىردىكەن، ئۇ دۇنيا بويىچە خانلىق ئورنىدا ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرغان پادىشاھ، ھازىرغىچە 69 يىل بولغان بولۇپ، كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنى 70 يىل توشىدىكەن، ئۇ ھازىر باڭكوكتىكى سېرلا دوختۇرخانىسىدا كۈتىنىۋېتىپتۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved