رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدىۋىدېف يېقىندا مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ ئاسىيا بىلەن تىنچ ئوكيان رايونىغا بۇرۇلۇشى جازاغا يولۇققانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كۆپ مەنبەلەشكەن تورغا يۈزلەنگەنلىك . ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنىڭ بىلەنلا جۇڭگوغا تايىنىدىغان ئېھتىماللىق قايتىدىن بارلىققا كەلمەيدۇ.
مېدىۋدېف مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سوممىسى نۆۋەتتە 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. بىراق ياۋروپا بىلەن بولغان سودا سوممىسى 450 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇ رۇسىيە سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
مېدىۋدېف مۇنداق دېدى: سودا ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش، مەبلەغكە ئېرىشىشتە جۇڭگو، ھىندىستان، ۋېتنام ۋە باشقا چوڭ ۋە ئانچە چوڭ بولمىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك. شۇڭا بۇ بۇرۇلۇشتا پىرىنسىپ جەھەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇ، بۇ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved