ھەرخىل كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
* يەرلىك شاپتۇل مېغىزىنى چالا كۆيدۈرۈپ، يېغىنى چىقىرىپ قاش، كىرپىك ۋە چاچلارغا چاپسا تۈك يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ئۆستۈرىدۇ ۋە قارا قىلىدۇ.
* ئۆينى ئادراسماننىڭ ئىسىدا بۇسلىغاندا مىكروب ئۆلتۈرۈپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
* ياڭاقنىڭ ئىچىدىكى نېپىز پوستىنى قايناقسۇغا دەملەپ ئېچسە قەنىت سېيىش كېسەللىكىدىكى ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، كېسەللەك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
* كالپۇكغا قۇرۇقلۇق يېتىپ يېرىلىپ كەتكەندە، پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلى ئىچىدىكى ئاق نېپىز پەردىسىنى كالپۇكقا چاپلىسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
* قامامۇچتىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ چالا سوقۇپ، قايناقسۇغا دەملەپ ئىچكەندە، ئاشقازان كۆيۈپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ھۆل زەنجىۋىلنى سىقىپ سۈيىنى باشقا چاپسا چاچنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارا قىلىدۇ.* قاپاق ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېستېمال قىلسا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
* كەپتەر تۇخۇمىنى خام ھالەتتە كۈنىگە بىر تالدىن بىر مەزگىل ئىستېمال قىلسا، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بەدەننى ۋە بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved