ياپونىيە كىيوتو ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە يادرو بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەتقىقاتقا ئىشلىتىش ئۈچۈن بەرگەن 331 كىلوگىرام پىلۇتونىينى قايتۇرۋەتمەكچى بولغان. ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنسىتىرلىقى بۇ پىلوتونىيلارنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان.خەۋەردە: بۇ پىلوتونىيلارنىڭ ئىچىدە قويۇقلۇقى يوقۇرى ، ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان «قورال-ياراغ دەرىجىلىك» پىلوتونىيلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، دېيىلگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، بۇپىلوتونىيلار مارتنىڭ ئاخىرىغىچە پاراخوت بىلەن ئامېرىكىغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ پىلوتونىي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش مەزگىلىدەئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ياپونىيەگە بەرگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل ياپونىيە تەتقىقات ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ پىلوتونىيلارنىڭ ئومومىي مىقدارى 40-50 يادرو ئوق بېشىغا توغرا كېلىدىكەن. ئوباما ھۆكۈمەت يادرونى كېڭەيمەسلىك سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، 2014-يىلى ياپونىيەدىن بۇ پىلوتونىيلارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved