جۇڭگو ئاخبارات تورى، 10-مارت تېلېگراممىسى : بۈگۈن سەھەردە ‹‹ ئالما ›› شىركىتى 2015-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، Apple Watchنى رەسمىي تارقاتقان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات Apple Watch、Apple Watch Sport ۋە Apple Watch Edition قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىدا ئىشلەنگەن. ئۇ ئارقىلىق تېلېفون قوبۇل قىلغىلى، پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتكىلى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېلېكتىر ماگنىتلىق زەرەتلىگۈچنى قوللايدىغان بولۇپ، باتارىيەسى بىر كۈن يېتىدىكەن.
ساغلاملىق جەھەتتە AppleWatch ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۈزىتىپلا قالماي يەنە ئۇلارنى ئاز ئولتۇرۇپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن. يەنە ئالدىنقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇماتلارنى خۇلاسىلەپ، يېڭى نىشان كۆرسىتىپ بېرىدىكەن .
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ‹‹ ئالما ›› شىركىتى بۈگۈن ( 10-مارت ) يېڭىلىغان iOS 8.2 سىستېما ئارقىلىق Apple Watch قوللىنىشچان دۇكان، كۆپ ئىشلىنىدىغان، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پىروگراممىلارنى توردىن چۈشۈرگىلى بولىدىكەن .
10-ئاپرېلدىن باشلاپ AppleWatch نى ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدىكەن، 24-ئاپرېل رەسمىي سېتىلىدىكەن. AppleWatch تۇنجى تارقىتىلىدىغان توققۇز دۆلەت ياكى رايون ئىچىدە جۇڭگومۇ بار ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved