ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلار 7-سېنتەبىر بىر-بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىشىپ، قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلدى، بىراق شەرقىي قسىىمدىكى بىر قىسىم رايونلاردىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلار ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ۋە بىر قىسىم خەلق تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان نىشانلارغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى، بىراق ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمى يەنىلا داۋملاشماقتا.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دونىتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى 7-سىنتەبىر، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلماي، ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلاردا يارىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتلار يەنىلا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلدى.
دونىتسىك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 7-سىنتەبىر ئەتىگەندىن باشلاپ، پۈتكۈل شەھەردىكى ھەر قايسى رايونلاردا ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمەستىن ئاڭلىنىپ تۇرغان، نۆۋەتتە شەھەر ئىچى ۋەزىيىتى ناھايىتى جىددىيكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved