بانكا قەرزى ئېلىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەبلەغ ئايلاندۇرۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى ئالدىنقى تاللىشى. تالاش-تارتىش تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، بۇ بانكىنى ئاساس قىلغان ساتقۇچى تەرەپ بازار دەۋرىدە، قەرز ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ تەستىقلانغۇچە، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قولىدا بولمىغاچقا، تەستىقلىنىش تەستىقلانماسلىقتا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس. ئەكسىچە، بانكىنىڭ دېگىنى ھېساب. ھالبۇكى، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بانكا قەرزىنىڭ رەت قىلىنىشى بىر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، 360 پۇل-مۇئامىلە ئىزدەش سۇپىسى 2015-يىللىق بانكا قەرزى سانلىق مەلۇماتلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، بانكا قەرزى ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىدىكى 10 خىل سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندە بۇ 10 خىل سەۋەب تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلەندى.
1. ئىناۋەت خاتىرىسى ناچار بولۇش
ئىناۋەت خاتىرىسى ناچار بولۇش دېگەنلىك، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدا قارا داغ بار دېگەنلىك. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قارا داغنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. بۇنىڭغا ئادەتتە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
2. ئىناۋىتى قۇرۇق (يوق) بولۇش
بۇنداق ئابۇنىتلارنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى بولمىغاچقا، بانكا قەرزى ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش بىر قەدەر ئاسان بولۇپ، بىر دانە ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىپ، بۇ كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قايتۇرۇۋەتسىلا بولىدۇ.
3. مائاش خاتىرىسى يوق بولۇش
شەخسى تىجارەتچىلەر ياكى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دائىم بۇ مەسىلىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مائاش خاتىرىسى ئىسپاتىنى تەلەپ قىلمايدىغان قەرز تۈرلىرىنى سىناپ بېقىش ياكى ھەر ئايدا بانكا كارتىسىغا مۇقىم پۇل قويۇپ، مائاش خاتىرىسى ئورنىدا ئىشلىتىش لازىم.
4. كىرىم ياكى ئوبوروت بەك تۆۋەن بولۇش
بۇنداق ئەھۋالدا رەنىلىك قەرز تۈرىنى تاللاش ياكى ئۆزىمىزنىڭ كىرىم سەۋىيىمىزگە ماس كېلىدىغان قەرز تۈرىنى تاللىشىمىز لازىم.
5. پەقەت نەخ پۇل ئوبوروتىلا بولۇش
بىر قىسىم مائاش خاتىرىسى ئىسپاتىغا بولغان تەلەپ قاتتىق بولغان قەرز تۈرىنى ئىلتىماس قىلغاندا، پەقەت نەخ پۇل ئوبوروتىلا بولسا تەستىقلانماي قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتىپ، باشقا مۇۋاپىق قەرز تۈرىنى تاللىشىمىز لازىم.
6. قەرزى كۆپ بولۇش
ئىناۋەت تەكشۈرگۈچى خادىم قەرز ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەخسى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، ئىناۋەت خاتىرىسىدىن باشقا يەنە قەرزى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر قەرزى كۆپ بولسا، ئىلتىماس رەت قىلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەرزنى بالدۇرراق قايتۇرۇۋېتىش لازىم.
7. بېكىتىلمىگەن كىشىلەر توپى
دۆلەت مەمۇرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تارقىتىلىدىغان قەرزنى دوختۇر ياكى ئوقۇتقۇچى ئىلتىماس قىلسا، كەسپى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن، رەت قىلىنىشى ئېنىق.
8. خەتىرى يۇقىرى كەسىپلەر
پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەتەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم خەتىرى يۇقىرى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پەقەت تەلىپى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغان بانكا ياكى قەرز پۇل شىركەتلىرىنى تېپىش لازىم.
9. خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى قىسقا بولۇش
بەزىدە مائاش خاتىرىسى ئىسپاتىدىن سىرت يەنە مەلۇم خىزمەت ستاژىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ تەلەپكە توشمىسا، ئىلتىماس رەت قىلىنىدۇ.
10. ياش چەكلىمىسى
بەزى كىشىلەرنىڭ يېشى بەك كىچىك ياكى بەك چوڭ بولغانلىقتىن ئىلتىماس رەت قىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئائىلىدىكى يېشى توغرا كېلىدىغان كىشىنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلسا بىر قەدەر ئاسان تەستىقلىنىدۇ.
ئەمەلىي قەرز ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا يەنە ئويلاپ باقمىغان ھەر خىل ئىنچىكە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قەرز ئىلتىماسى رەت قىلىنىشى مۇمكىن. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئوڭۇشلۇق قەرز ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قەرز تۈرىنى تاللىشى لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved