ئاسىيا لوڭقىسى:جۇڭگۇ كوماندىسى 17 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى ئۇتتى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 ئۆتكەندە ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى B گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى بولغان ۋاڭ دالېي قارشى تەرەپنىڭ نۇقتا توپىنى توسۇۋالدى. يۈ خەي ئىختىيارى توپ ئارقىلىق ئاخىرقى مىنۇتلاردا قارشى تەرەپنى قىرغىن قىلدى. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ھەم جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ 17 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى ئۇتىشى ھېسابلىنىدۇ.

 

مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى جۇڭگۇ كوماندىسىغا سەل بېسىم ئېلىپ كەلدى. بىراق تەھدىت ئېلىپ كېلەلمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا جۇڭگۇ كوماندىسى ئۈچۈن خېلى ياخشى پۇرسەتلەر كەلگەن بولسىمۇ بىراق بىر قېتىم قارشى تەرەپ ۋاراتارىنى بۇزالمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. 

 

60 مىنۇت بولغاندا رېن خاڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قارشى تەرەپكە نۇقتا توپ سوۋغا قىلدى. بىراق جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ۋاڭ دالېي قارشى تەرەپنىڭ نۇقتا توپىنى توسىۋالدى.

 

80 مىنۇت بولغاندا جۇڭگۇ كوماندىسى ئاخىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. يۈ خەي ۋاراتاردىن 30 مېتىر يىراقلىقتىن ئىختىيارى توپنى بىۋاستا كىرگۈزۈۋەتتى! توپ سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندا ئەزاسىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ ۋاراتارغا كىرىپ كەتتى.

 

ئاخىردا جۇڭگۇ كوماندىسى 1-0 نەتىجە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ 17 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

بۇ مەيدان مۇسابىقىسدە نۇقتا توپنى توسۇۋالغان ۋاراتار ۋاڭ دالېي يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. 

( جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارغا ئۇدۇل توپ ئۇرغان سانى 2، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنىڭ ۋاراتارغا ئۇدۇل ئۇرغان توپى 1. جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ توپنى كونترول قىلىش نىسبىتى 45%، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنىڭ توپنى كونترول قىلىش نىسبىتى 55%.)

 

جۇڭگۇ كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : 23-نومۇر ۋاڭ دالېي. 17-نومۇر جاڭ چېڭدوڭ. ( 66 مىنۇت بولغاندا 9-نومۇرلۇق ياڭ شۈ ئورنىغا چىقتى.) 5-نومۇر جاڭ لىنفەن. 2-نومۇر رېن خاڭ. 3-نومۇر مېي فاڭ ( 78 مىنۇت بولغاندا 4-نومۇرلۇق جىياڭ جىپېڭ ئورنىغا چىقتى). 10-نومۇر جېڭ جى. 15-نومۇر ۋۇ شى. 14-نومۇر جى شىياڭ. 7-نومۇر ۋۇ لېي. 11-نومۇر گاۋ جۈنمىن ( 66 مىنۇت بولغاندا 20-نومۇرلۇق يۈ خەنچاۋ ئورنىغا چىقتى.) 21-نومۇر يۈ خەي.

جۇڭگۇ كوماندىسىدىن مەيدانغا چىقمىغان زاپاس توپچىلار: 1-نومۇر زېڭ چېڭ.6-نومۇر لى ئاڭ. 8-نومۇر سەي خۇيكاڭ. 12-نومۇر يەن جۈنلىڭ. 13-نومۇر لىيۇ جىيەنيې. 6-نومۇر سۈن كې. 8-نومۇر خاۋ لىن. 19-نومۇر لىيۇ بىنبىن. 22-نومۇر مىيۇ لىشېڭ.



خەتكۈچلەر:
11-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek