ئەركىنلىك گېزىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئىككىنچى ئايدىكى ئىشسىز قېلىپ ، خىزمەت تەلەپ قىلغانلارنىڭ سانى زور تۈركۈمدە ئېشىپ كەتكەن.
ئىشسىز قالغانلارنىڭ سانى 31500گە يەتكەن بۇلۇپ سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.9% ئاشقان. ھازىر فىرانسىيەدە ئىشسىز قالغۇچىلارنىڭ سانى 33مىڭ400گە يەتتى. بۇ سان تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئىشسىزلار سانى بۇلۇپ قالدى.
فىرانسىيە ئەمگەك بۆلۈمى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، 2013-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە،ئىقتىساد ئېشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشى ،ھەتتا ئوتتۇرلۇقتا توختاپ قېلىشى ئىشسىزلار سانىنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىكەن. ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىش سانىلا ،ئىككىنچى ئايدا 1700ئادەم ئاشقان، يەنى بۇ يەردىكى نىسبەت 2012-يىلىنىڭ يىل ئاخىردىكى نەتىجە بىلەن ئوخشاش دېيەرلىك،50ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئىشسىز قېلىش سانى 2-ئايدا 1.3% ئاشقان، يىللىق نىسبىتى بولسا12.1% ئاشقان، مانا بۇ ئىشسىزلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ،ئۇزاق مەزگىللىك ئىشسىزلىق ھالىتى بەكلا ئېغىر ، ئۇزاق مەزەىل ئىشسىز قالغانلارنىڭ 2-ئايدىكى ئېشىش نىسبىت 0.6%، يىللىق ئېشىش نىسبىتى 11.4%، يەنى ئادەم سانى 2مىليونغا يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved