مۇخبىرنىڭ 24-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2015-، 2016-يىللىق 1-ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلگەن: ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى 2016-يىلى 18-يانۋاردىن 21-يانۋارغىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى 2016-يىلى 12-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 23-يانۋار ئەتراپىدا قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى مەركىزى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى مەركىزى تەمىنلىگەن ئىمتىھان قەغىزىنى يئىشلىتىدىغان مەكتەپلەر چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھېچقانداق مەكتەپ ئۆزلىكىدىن ئىمتىھان ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرماسلىقى، اكى ئىمتىھان تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەككەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved