ب د ت نىڭ مالىدا تۇرۇشلۇق مۇقىملىقنى قوغداش پولكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

فىرانسىيە ‹‹ ئازادلىق گېزىتى ››نىڭ 8 –مارت فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ مالىدا تۇرۇشلۇق ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى قوغداش ئالاھىدە پولكىنىڭ گىدال شەھىرىدىكى گازارمىسى شۇ يەر ۋاقتى 8 -مارت راكېتا بومبا ۋە زەمبىرەك ئوقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئەسكەر ۋە ئىككى بالا قازا قىلغان، 12 ئادەم يارىلانغان. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەن.


مالى مۇقىملىقنى قوغداش پولكى بايانات ئېلان قىلىپ: شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇقىملىق پولك گازارمىسى 30 غا يېقىن راكېتا بومبا ۋە ئوقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئەسكەر قازا قىلدى، سەككىز ئەسكەر يارىلاندى. گازارما سىرتىدىكى ئىككى پۇقرا قازا قىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى، دېگەن.


ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.


خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن : مالى مۇقىملىق پولكى گازارمىسىنىڭ 8 – مارت ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، مالى ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى تېزدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى، قاتىلنى جازاغا تارتىشنى تەلەپ قىلىمىز. خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە ، تىنچلىق قوغداش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىق خەلقئارا ئىنسانپەرۋەلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن .


خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنداق تەكىتلىگەن: بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كېرەك. ھەرقانداق تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى جىنايەت.
7 -مارت، مالىنىڭ پايتەختى باماكودىكى بىر قاۋاقخانىدا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ب د ت نىڭ مالىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش پولكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىمۇ بار ئىكەن. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان .



خەتكۈچلەر:
09-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek