بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇلتۇرقى ساپ پايدىسى %12 تۆۋەنلەپ كەتتى

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۈگۈن 2015-يىللىق تىجارەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق سېتىشتىن كىرگەن ئومۇمىي كىرىمى 277.05 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدىكىدىن %2.7 تۆۋەنلىگەن؛ ساپ پايدا 10.56 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدىكىدىن %12.4 تۆۋەنلىگەن.

سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق مۇلازىمەت كىرىمى 235.28 مىليارد يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە سۆزلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان كەسپلەرنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.2 ئۆرلەپ، %69.1 گە يەتكەن، EBITDA كىرىمى 87.5 مىليارد يۈەن بولغان؛ 2015-يىللىق كاپىتال چىقىمى 133.88 مىليارد يۈەن بولغان.

كۆچمە ئالاقە كەسپى جەھەتتە، 2015-يىلى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كۆچمە مۇلازىمەت كەسپىدىن ياراتقان كىرىمى 142.62 مىليارد يۈەن بولغان، شىركەتكە ئەمەلىي كىرىم يارىتىپ بېرىدىغان ئابونت سانى 252.32 مىليون بولغان. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 4G تورىنى ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 44.16 مىليون بولۇپ، ئىگەللىگەن نىسبىتى %17.5 گە يەتكەن.

مۇقىم كەڭ بەلباغلىق تور كەسپى جەھەتتە، 2015-يىلى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇقىم تور كەسپىنىڭ كىرىمى ئالدىنقى بىر يىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، 53.96 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ مۇقىم تور ئابونتلىرىنىڭ سانى %5.1 ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 72.33 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نۇر كابىلى يېتىپ بارغان ئاھالە (FTTH) نىسبىتى %50 دىن ئېشىپ كەتكەن؛ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋوجىيا» (智慧沃家) كەسپى ئابونتلىرىنىڭ سانى 9.59 مىليونغا يەتكەن.

4G ئاساس پونكىتى قۇرۇش جەھەتتە، 2015-يىلى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 306 مىڭ 4G ئاساس پونكىتنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، 4G ئاساس پونكىتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 399 مىڭغا يەتكەن، 4G تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەھەر، ناھىيە بازىرى ۋە تەرەققىي قىلغان يېزا-بازارلارنى قاپلىغان.

كەڭ بەلباغ تورى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈنلەي نۇر كابىللىق تور بىلەن قاپلانغان ئالتە ئۆلكە ۋە 100 دىن ئارتۇق شەھەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، كەڭ بەلباغ تېرمىنال ئېغىزى سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %22.2 گە يېتىپ، ئومۇمىي سانى 165 مىليون بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە FTTX تېرمىنال ئېغىزى ئىگەللىگەن نىسبەت %93 بولغان.



خەتكۈچلەر:
16-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قېلىشىچە، «قۇياش ئەۋلادى» دىكى ئەر باش پېرسوناژ سوڭ جوڭكىنىڭ كېيىنكى فىلىمى «ھەربىي پاراخوت ئارىلى» 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دەريا يولى چۈنچۇەن شەھىرىدە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدۇ. ...
27-04-2016
    كۇۋالكوم (Qualcomm) شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سنەپدىراگون 820 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئاندىرويىد بازىرىدىكى كارخانىلارنىڭ بېشىغا بەخت قۇشى قوندى. خىلمۇ-خىل سىناق-باھالاشلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بو...
26-04-2016
   چەت ئەل تاراتقۇرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل يېقىندا خىرستىيان دىنى دېموكراتىك پارتىيەسىگە 9500 ياۋرو پارتىيە ئەزالىق بەدىلى پۇلىغا قەرز بولۇپ قالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىرىستىيان دىنى د...
26-04-2016
    رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو مەملىكەتلىك ئىبادەتخانا ۋە دىنى تەشكىلات ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ۋەدە بېرىپ: ئوكرائىنادا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ...
26-04-2016
1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 78 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى. 1 ...
26-04-2016
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشالىق بىر ئايال ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايلىق بولغىنىدا راك كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، كىيىن دوختۇرلار ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. قورساقتىكى  ھامىلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ...
26-04-2016
    مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، يەنى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن، HTC ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىدا HTC 10 نىڭ سنەپدىراگون 652 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن نۇسخىسى (يەنى HTC 10 Lifestyle...
26-04-2016
    «ئۇچقۇر ئوغرى» يۈرۈشلۈكلىرى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يۈرۈشلۈك فىلىملەر، بۇ فىلىمنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمىنىڭ 2017-يىلى قويۇلىدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە باش رولغا كى...
26-04-2016
    ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 25-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغ...
26-04-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلنغان بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالغان: ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىس...
Powered by Leglek