شىنجاڭدىكى دۆلەتلىك باج سىستېمىسىنىڭ باج كىرىمى 78 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئالدىنقى10 ئايدا شىنجاڭدىكى دۆلەتلىك باج سىستېمىسى تەشكىللەپ يىغقان باج كىرىمى 78 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشتى، كىرىم 7 مىليارد 560 مىليون يۈەن ئاشتى.


ئالدىنقى 10 ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت باج كىرىمى بىلەن ئىقتىسادى تەڭكەش ئاشتى؛قىسمەن ساھەلەرنىڭ باج كىرىمى بىر قەدەر تىز ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى ئېشىپ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى خام نېفىت زاپىسىنىڭ تىز سۈرەتتە خورىشى قاتارلىق سەۋەبلەر نېفىت سانائىتى ساھەسى كىرىمىنىڭ 3 مىليارد 650 مىليون يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ تىز سۈرەتتە راۋاجلىنىشى پۇل مۇئامىلە كەسپى تاپاۋەت بېجى كىرىمىنىڭ 820 مىليون يۈەن كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نېفىت تەبىئىي گاز تۇرۇبا ترانسپورتى قاتناش ترانسپورت كەسپى تاپاۋەت بېجى كىرىمىنىڭ 320 مىليون يۈەن كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى.


ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك باج سىستېمىسى كىرىم خىزمىتىنى بالدۇر،توغرا، ئەمەلىي تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، باج ئېلىشنى باشقۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باج ئېلىشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، كۆپەيمە قىممەت بېجى، ئادەتتىكى تالون قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، باج ئېلىشنى باشقۇرۇش يوچۇقلىرىنى ئېتىپ كىرىمنى 970 مىليون يۈەن ئاشۇردى.


نۇقتىلىق باج مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسپى ئۆمەكلەرنى تەشكىللەپ،چوڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدىكى 228 ئەزا كارخانىسىنى باج ئىشلىرى جەھەتتىن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، 450 مىليون يۈەن باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تاپاۋەت بېجىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تاپشۇرۇلىدىغان باجنى باشقۇرۇش كىرىمىنى 138 مىليون يۈەن كۆپەيتتى. باج تەكشۈرۈش جەھەتتە تالون قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرى ۋە ئېكسپورت قايتۇرۇلما بېجى ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشنى نۇقتا قىلىپ، ئىمپورت ئېكسپورت ، ئۆي مۈلۈك، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق كەسىپنى مەخسۇس تۈزەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق باج كىرىمىدىن 800 مىليون يۈەننى خەزىنىگە كىرگۈزدى.



خەتكۈچلەر:
26-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek