ۋاڭيى تورى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىلىشىچە، پارچە سېتىش كارخانىسىنىڭ تەمىنلىگەن بىر پارچە ئىچكى ھۆججىتىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئالما شىركىتى يېڭى سېتىۋالغان iPhone نىڭ «شەرتسىز قايتۇرۇش» ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 30 كۈندىن 14 كۈن قىلىپ تەڭشىدى.
بۇ ئىش توشۇش تىجارىتىنىڭ پۇل قايتۇرۇش سىياسىتىنى ھەل قىلىشتا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان. ھەمدە ئىستىمالچىلارغا كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا چۈشىنىشلەرمۇ ئاز قالغان. يېڭى بەلگىلىمە 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئالما شىركىتىنىڭ تور مۇلازىمەت دۇكىنى ياكى ئالما مەخسۇس سېتىش مۇلازىمەت دۇكانلىرىدىن سېتىۋالغان يېڭى iPhone لارنىڭ «30 كۈن شەرتسىز قايتۇرۇش» سىياسىتىدىن بەھرلىنىش ھوقۇقى بار ئىدى،ئەمما ئالدىنقى شەرتى بولسا تېلىفۇن ھېچقانداق زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمىغان بولۇشى، ھەمدە ئەسلى ئورالمىسىدىكى زاپچاسلىرى يۈتمىگەن بولۇشى كېرەك.
بىراق بۇ پىرىنسىپ ھازىر مۇنداق ئۆزگەرتىلدى-- يەنى پارچە سېتىش يولىدىكى بىرەيلەننىڭ تەمىنلىگەن بىر پارچە ئىچكى ھۆججىتىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن. ئالما شىركىتى يېڭى سېتىۋالغان iPhone نىڭ «شەرتسىز قايتۇرۇش» ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى 30 كۈندىن 14 كۈن قىلىپ تەڭشەيدۇ، ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تورىدا بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن يېڭىلاش بولغان.
ئالما شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى 30 كۈنلۈك مۆھلەت پىرىنسىپى بىلەن كۆچمە توشۇش تىجارىتىنىڭ 14 كۈنلۈك مۆھلەت پىرىنسىپى ئارىسدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ قالغان. ئەگەر ئىستىمالچىلار 14 كۈندىن كېيىن سېتىۋالغان يېڭى تېلىفۇننى ئالما شىركىتىگە قايتۇرىۋەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئابونت يەنىلا توشۇش تىجارىتىنىڭ توختامىغا باغلىنىپ قالغان دەپ قارىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن توختامنى بۇزۇش ھەققىنى تۆلىمىسە بولمايدۇ.
يۇقىرىقى پىرىنسىپلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئىستىمالچىلار پەقەت 14 كۈندىن كېيىن تېلىفۇننىڭ تىپىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ، ئەگەر باشقا رەڭلىك ياكى ئىچكى سىغىمى ئوخشىمايدىغان تىپقا ئالماشتۇرسا، لېكىن بۇ ئىش توشۇش تىجارىتىنىڭ توختامنى ئالدىن بىكار قىلىش ھەققى پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
ۋاڭيى تورى پەن تېخنىكا خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved