ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى 27-سىنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىر تىنچ ۋە مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇھىتىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ قوشنىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ بۇ سىياسىتى پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مودى مۇنداق دېدى: مەن تېررورلۇقنىڭ كۆلەڭگىسى بولمىغان، تىنچلىق كەيپىيات ئىچىدە پاكىستان بىلەن ئەستايىدىل ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىشكە تەييارلىق كۆرمەكتىمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاكىستاننىڭمۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇۋاپىق سۆھبەت كەيپىياتىنى يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved