يېقىندا مۇخبىر كورلىدىكى قىسمەن كۆكتات، مېۋە-چېۋە بازارلىرىدا بەزى سېتىقچىلارنىڭ «كالا سۈتى بۆلجۈرگىنى» سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ بۆلجۈرگەنلەرنىڭ باھاسى ئادەتتىكى بۆلجۈرگەنلەردىن قىممەت بولۇپ، سېتىقچىلار بۇ بۆلجۈرگەنلەرگە سۈت قۇيۇپ ئۆستۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن «كالا سۈتى بۆلجۈرگىنى» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بۆلجۈرگەنلەر راستتىنلا كالا سۈتى بىلەن سۇغىرىلغانمۇ؟ مۇخبىر بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈلگەن جاي خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارامۇدۇن بازىرى ئارىل كەنتىگە كەلدى.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئارىل كەنتى ئاھالىسى دۇ يىڭجېينىڭ بۆلجۈرگەن پارنىكىدا نەچچە ئون يەشىك كالا سۈتىنىڭ قويۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى، دۇ يىڭجېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ سۈتلەر بۆلجۈرگەننى سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۆلجۈرگەن تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدىكەن. دۇ يىڭجېينىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە 7~10 كۈندە بىر قېتىم بۆلجۈرگەننىڭ يىلتىز قىسمى تېمىتىپ سۇغىرىلىدىكەن. بولۇپمۇ بۆلجۈرگەن بارماقچىلىك بولغاندا ۋە بۆلجۈرگەننى ئۈزۈشتىن 3 كۈن بۇرۇن كالا سۈتى بىلەن سۇغىرىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved