يەر شارى تورى 16- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيەلىك سىياسەتشۇناس ئەلى. ئەھمەد مۇنداق دەپ قارىغان: سۇرىيە خەلقى رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالدى، بىراق بىز رۇسىيەگە داۋاملىق ئىشىنىشىمىز لازىم، چۈنكى سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى رۇسىيەنىڭ قارارىغا باغلىق.
ئەلى.ئەھمەد رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: سۇرىيە خەلقى ئەزەلدىن رۇسىيە ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ كەلگەن، سۇرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى كىشىنى تولىمۇ چۆچىتىدۇ، سۇرىيە خەلقى بۇ مەسىلىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىشكە بولمايدۇ، دەل ئەكسىچە ئۇلار رۇسىيەنىڭ بۇ قارارىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئەمما سۇرىيە خەلق رۇسىيەگە داۋاملىق ئىشىنىدۇ، چۈنكى سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى رۇسىيەنىڭ قارارىغا باغلىق. رۇسىيە ھاۋ ئارمىيەسى سۇرىيەدىن چېكىنشكە باشلىدى، بۇ جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرگە بىر سېگىنال بولدى، يەنى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سىياسى لايىھە مەۋجۇت. ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشۈنۈپ يېتىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved