رەسىمدىكىسى شاڭخەي خۇڭكوۋ رايونىغا جايلاشقان 10 مىليون يۈەنلىك ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ بىناسى ـــ رۈيخۇڭ يېڭى شەھەرچىسى يىتىڭ مەھەللىسىنىڭ سىرتى.
21-فېۋرال، شاڭخەي خۇڭكوۋ رايونىدىكى - رۈيخۇڭ يېڭى شەھەرچىسى يىتىڭ مەھەللىسىدىكى 352 يۈرۈش ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىلىپ تۈگەپ، بىر كۈندىلا 3 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك سېتىش سوممىسى يارىتىلدى، ھەر يۈرۈش ئۆينىڭ باھاسى 10 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.
چاغان ئۆتۈپ كېتىپلا شاڭخەيدىكى ئۆي بازىرى يەنە ئەسلىگە قايتىپ، ئۆي باھاسىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى.
نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. «جوڭيۈەن» ئۆي-مۈلۈك تەتقىقات يۇرتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2016-يىلى 1-ئايدا، شاڭخەيدىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى % 6.2 ئۆرلىگەن بولۇپ، تارىختىكى يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان. بىر خىل جىددىي كەيپىيات يەنىلا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئۆي ئېلىپ-سېتىشتىكى مىساللارمۇ كىشىنىڭ بىئارام قىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شاڭخەيدە ئۆي باھاسى بۇ يىل شېنجېندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇلتۇر شاڭخەينىڭ نىمكەش ئۆيلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى % 20 بولۇپ، شېنجېندىكى ئۆي باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، % 60 ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved