رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بۇنچە كاتتا خاتىرىلىدى؟

رۇسىيە ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش ئۈچۈن، 9 – ماي قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى تىركىشىۋاتقان ھازىرقىدەك ئالاھىدە پەيتتە، رۇسىيەنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بۇنچە كاتتا ئۆتكۈزۈشىدە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىش، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى تەشۋىق قىلىپ، غەرب ئەللىرى بىلەن تىركىشىش جەريانىدا پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان.
ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش
غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتە جازالىدى، دىپلوماتىيە جەھەتتە يېتىم قالدۇردى ۋە ھەربىي جەھەتتە بېسىم ئىشلەتتى. رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: ھەربىي پارات جەڭگىۋارلىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ.
بۇ يىل قىزىل مەيداندا پاراتتىن ئۆتكەن ئەسكەر 15 مىڭدىن ئاشتى. بۇ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پاراتتىن ئۆتكەن ئەسكەر سانىدىن %50 كۆپ؛ ماشىنىلاشقان كالوننا پاراتتىن ئۆتۈشتە قورال – ياراغ ۋە ھەربىي تېخنىكا جابدۇقىدىن 194 نى ئىشلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 100 خىلدەك يېڭى تېخنىكىلىق جابدۇق تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە كۆرسىتىلدى. ھاۋا كۈچىنى كۆرسىتىشتە 143 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئىشلىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن جابدۇقمۇ جامائەتچىلىككە تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە 16 دۆلەت ۋە فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي دائىرىلىرىنى ھەربىي پاراتقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 102 كىشىلىك چاسا ئەترەتنى ھەربىي پاراتقا قاتناشتۇردى.
ۋەتەن ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈندە رۇسىيەدىكى 28 شەھەردە ۋە بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسك، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك ۋە ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋان قاتارلىق جايلاردا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى؛ رۇسىيەدىكى 70 شەھەردە ھەربىيلەر قاتناشقان داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرخىل قورال – ياراغ ۋە ھەربىي تېخنىكىلىق جابدۇق نامايان قىلىندى.
تەشەببۇسكار بولۇش
رۇسىيەنىڭ بۇ يىللىق ھەربىي پارات پائالىيىتىگە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسىنى ئەۋەتىشنى، فىرانسىيە مىنىستىرلار دەرىجىلىك ۋەكىلىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.
رۇسىيە قىرىمنى ‹‹قانۇنسىز قوشۇۋالغان››لىقتىن ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرىنى قوللىدى، دەپ قارالغاچقا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي ھالەتكە كېلىپ قالدى. غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، موسكۋاغا بېرىپ ھەربىي پاراتقا قاتناشقانلىق ‹‹رۇسىيەنى قوللىغانلىق›› بىلەن باراۋەر. مۇشۇ سەۋەبتىن غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەت رۇسىيەنىڭ بۇ پائالىيىتىنى رەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى پېسكوۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ غەلىبە ئەسلىمىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى، رۇسىيەنىڭ ئىنسانىيەتكە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە تەھدىت سالغان بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن غەلىبە كۈنى رۇسىيەنىڭ بايرام كۈنى، چۈنكى رۇسىيە غالىبىيەتچى. غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىش – قاتناشماسلىقى ‹‹بايرام كەيپىياتىغا ۋە بايرامنىڭ كۆلىمىگە›› تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. كەمسىتىشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش
رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىغا قانداق قاراش قاتارلىق تارىخىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تىغمۇتىغ كۈرەش قىلماقتا. بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى بۇرمىلايدىغان ۋە خۇنۈكلەشتۈرىدىغان خەۋەرلەرنى تارقاتتى. مەسىلەن: پولشادىكى ئوسۋېنسىم جازا لاگېرىنى كىم ئازاد قىلغان؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا بەزى كىشىلەر 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسۋېنسىم جازا لاگېرىنى رۇسىيە قوشۇنى ئەمەس، بەلكى ئۇكرائىنا قوشۇنى ئازاد قىلغان، دەپ قارايدۇ. رۇسىيەنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشىگىمۇ گۇمانلىق قارايدىغان سادالار بار. قىسمەن كىشىلەر لوندون ۋە بېرلىن 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە تېخىمۇ مۇناسىپ، دەپ قارايدۇ.
بۇنىڭدىن رۇسىيە قاتتىق نارازى بولۇپ، بۇنى ‹‹تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەش›› دېدى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوستىروۋېسكى مۇنداق دېدى: غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى سۇسلاشتۇرۇش غەرىزىدە بولۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ھازىر رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ياۋروپادىكى قىسمەن دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى      رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى رۇسىيە فۇكىس ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 27-ماي ئەنگىلىيەنىڭ لىۋىيەگە بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، لىۋىيەدىكى قورال ئەتكەس قىلىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ...
27-05-2016
    24-، 25-ماي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلوڭجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋ...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ F/A-18F بەلگىلىك ئىككى دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە» نالىق كۆرەشچى ئايروپىلانى 26- ماي شىمالىي كارولىننا شىت...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 26-ماي، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئارلىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى سانجىلغان. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفېتسىر-جەڭچىلەرن...
27-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ غەربىگە 65 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى موڭغۇلىيە ئارمىيەسى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەركىزىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى «خاقان ئۈستىدە ئىزدىنىش-2016» ناملىق كۆپ...
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، كورىيە ئارمىيە تەر...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئەنگلىيە ۋىرت، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خان جەمەتى توپچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ خان جەمەتى توپچى قىسم...
26-05-2016
    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى __ ۋەزىيەتنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت تۇ...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2001-يىلى ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى قارار ماقۇللاپ لىۋىيەگە ياغاچ ماتېر...
Powered by Leglek