رۇسىيە بىلەن ئۇكىرائىنانىڭ چېگرا رايونىدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى 21-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتىگە كىرىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشەدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى كېرىمىل سارىيى رۇسىيە قىسمىنىڭ ئۇكىرائىنانىڭ رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان چېگرا رايونىغا كىرىپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.


فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: پۇتتىننىڭ بۇيرۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، موسكىۋا ۋاقتى سائەت 11 دىن باشلاپ، ئوتتۇرا قىسىم ھەربىي رايونىدىكى قىسىملار ۋە رۇسىيە زېمىنىدىكى قىسىملار ۋە ھەربى ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتىگە كىردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە 20-ئىيۇن كىيېۋدىن ئۇكىرائىنا تەۋەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ چېگرىسىدىكى قاراۋۇلخانىلارغا ئوق ئېتىش ھەرىكىتىدىن ئەپۈ سوراشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇكىرائىنا زۇڭتۇڭىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىڭلار دەپ جاكارلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيەدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى بىناسى مىناميوت تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان، تاموژنىنىڭ بىر ئەمەلدارى يارىلانغان. ئۇكىرائىنا قىسمى بىلەن ئەل ئىچى توپىلاڭچىلىرى يېقىن ئەتراپتا كەسكىن ئۇرۇشقان.


رۇسىيە ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرېمىل سارىيى ئاخبارات ئىشخانىسى رۇسىيە بۇنىڭغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش ۋە ئەپۈ سوراشنى كۈتمەكتە دېگەن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنى ئۇكىرائىنا ھۆكۈمىتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىغۋارگەرچىلىكى دەپ بىۋاستە ئەيىبلىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.


رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا رۇسىيە تاموژنىسى جەنۇبىي قىسىم ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 20-ئىيۇن مۇنداق دېگەن: روستوۋ ئوبلاستىدا دىجۇرنىلىق قىلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ بىر چېگرا مۇداپئە پونكىتىنىڭ بىر تاموژنا خادىمى ئۇكىرائىنا تەرەپتىن ئېتىلغان مىناميوت تەرىپىدىن يارىلاندى. ھازىر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى، يارىسى خېلى ئېغىر .



‏ شۇ جايدىكى رۇسىيە چېگرا مۇداپئە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى مارايېف مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، ئۇكىرائىنا چېگرا مۇداپئە پونكىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىۋاتقان شۇ جايدىكى خەلق ۋە ئەسكەرلەر تەشكىلاتى ئۇكىرائىنا مۇنتىزىم ئارمىيىسى ياكى خەلق مۇھاپىزەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇكىرائىنانىڭ چېگرا مۇداپئە پونكىتىغا يېقىن ئەتراپتا ئۇرۇشتى. ئۇكىرائىنا تەرەپتىن ئېتىلغان مىناميوت رۇسىيە چېگرا مۇداپئە پونكىتىنىڭ ئۆيلىرى، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ۋە يول لىنيەلىرىنى ۋەيران قىلدى. نۆۋەتتە بۇ چېگرا مۇداپئە پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بېرىپ كېلىۋاتقان ماشىنا ۋە ئادەملەرنى قويۇپ بېرىشنى توختاتتى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20-ئىيۇن ئۇكىرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنىغا مىناميوت ئاتقانلىقىغا قەتئى ئېتىراز بىلدۈرۈپ، كېيىۋدىن بۇ ئىشنى ئۈزۈل كېسىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.


رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. بىز كېيىۋدىن بۇ ئىشنى جىددىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ ئاساسىي قائىدە ۋە خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىنغان بىۋاستە ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇكىرائىنانىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىدىغان جەنۋە كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلىشىنى توسۇش.


ئۇكىرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز 20-ئىيۇن ئۇكىرائىنا بىلەن رۇسىيە چېگرىسىدىكى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرىۋاتىمىز. ئۇكىرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇكىرائىنا بىلەن رۇسىيە چېگرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە رۇسىيەلىك بىر تاموژنا خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇكىرائىنا بۇ ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ. ئۇكىرائىنانىڭ قانۇننى قوغداش ئورگىنى بۇ ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ.


ئۇكىرائىنا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئۇكىرائىنا قىسمى ئۇكىرائىنا ۋە رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغاچقا، مەيلى ئىلگىرى ۋە ھازىر بولسۇن، زەمبىرەك ياكى مىناميوت ئىشلەتمەيدۇ، دېدى. تىغ ئۇچىنى شۇ جايدىكى خەلق ئەسكەرلەر قۇراللىق كۈچلىرىگە قارىتىپ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سېلىش، چېگرا رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىش شۇ جايدىكى خەلق ئەسكەرلەر قۇراللىق كۈچلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا شۇ جايدىكى خەلق ئەسكەرلەر قۇراللىق كۈچلىرى ھازىرقى ئېغىر تىپلىق قۇراللار، زەمبىرەك ۋە مىناميوتنى ئىشلىتىدۇ دەپ ھىسابلىدى.





خەتكۈچلەر:
25-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek