1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۆپلىگەن ئانالىز ئورگانلىرى خەۋەر ئېلان قىلدى، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:00 دىن باشلاپ تەييار ماي باھاسى چۈشىدۇ، ھەر توننا بېنزىن باھاسى 140 يۈەن، ھەر توننا دېزىل باھاسى 135 يۈەن چۈشىدۇ.
ئىگەللىنىشىچە، بەزى ئورگانلار بۇ قىېتىم چۈشۈرۈپ تەڭشىگەندىن كېيىن، 90-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 0.1 يۈەن\\لىتىر، 93-نومۇرلۇق ۋە 97-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ماي باھاسى 0.11 يۈەن\\لىتىر، 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ باھاسى 0.12 يۈەن\\لىتىر چۈشۈرۈپ تەڭشەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
باھانى چۈشۈرۈپ تەڭشىگەندىن سىرت، دۆلەتلىك ئىسلاھات تەرەققىيات كومېتىتى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا تەييار ماي باھاسى يېڭى مىخانىزىمىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىنكەن. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ كۈنى ۋە 29-كۈنىدىكى ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى ۋە خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە يۈزلىنىپ، ئىسلاھات تەرەققىيات كومېتىتى ئىلگىرى ماي باھاسىنى تەڭشەشنى ۋاقتىنچە پەسەيتىدىغانلىقى ھەمدە يېڭى باھا بېكىتىش مىخانىزىمى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved