يەر شارى تورى 16- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى تورىنىڭ 16- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەئۇدى ئەرەبسىتان مالىيەسىگە زور زەربە بولغان، شۇ سەۋبتىن سەئۇدى ئەرەبىستان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادچىللىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ھۆددىگە بېرىش توختامىنى ئازايتىپ، توختام سوممىسىنى %5 تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئورگانلىرىغا كۆرسەتمە بېرىپ، تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن توختاملارنىڭ توختام سوممىسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2016- يىللىق ھۆكۈمەت خامچوتىدىكى قۇرۇلۇش توختامىمۇ بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختام سوممىسىنى تۆۋەنلىتىش چاستۇتىسى %5 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنشىچە، بۇ تەدبىرلەر سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقتىسادى پىلان مىنىستىرلىكىنىڭ قارارى بولۇپ، بۇ تەدبىر ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمنى ئازايتىپ ئۆنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved