دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى شىنجاڭ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىىغان ئىستېمال چىقىمى 19 مىڭ 415 يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىككە ئەڭ كۆپ پۇل خەجلىگەن بولۇپ كىشى بېشىغا 5955 يۈەن خەجلىگەن.
چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى ئىستاتىستىكا دائىرىسىدىكى تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى ھاراق-تاماكا، كىيىم كېچەك، تۇرالغۇ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمىتى، قاتناش ئالاقە، مائارىپ\ مەدەنىيەت\كۆڭۈل ئېچىش، داۋالىنىش\ساقلىق ساقلاش، باشقا بۇيۇم ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق 8 چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان چىقىمدا يېمەكلىك 1-ئورۇنغا، تۇرالغۇ 2-ئورۇنغا، قاتناش ئالاقە 3-ئورۇنغا تىزىلغان. بۇنىڭ يېمەكلىك، ھاراق-تاماكا ئىستېمال چىقىمى جەھەتتە 2015-يىلى شىنجاڭلىقلار كىشى بېشىغا 5955 يۈەن خەجلەپ، 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان.
تۇرالغۇ جەھەتتە 2015-يىلى شىنجاڭ شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال چىقىمى 3167 يۈەن بولۇپ، 2014-يىلىدىكىدىن 96 يۈەن تۆۋەنلەپ، تۇنجى قېتىم مەنپىي ئېشىش كۆرۈلگەن، بۇ 8 چوڭ تۈردىكى بىردىنبىر تۆۋەنلىگەن تۈر بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆي ئىجارە ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان.
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىستېمال قاتلىمىغىمۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلىگەن.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى شىنجاڭ شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش چىقىمى 2105 يۈەنگە يېتىپ 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشقان. قاتناش ئالاقە چىقىمى 2869 يۈەن بولۇپ، 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان. تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت چىقىمى 1286 يۈەن بولۇپ، 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved