ئامېرىكا ۋە دۇنيا خوجائاكىلىقى

‏يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما غەربى نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمىدا دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا داۋاملىق دۇنيا سەھنىسىدە رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرىدۇ، دېدى. ئامېرىكا جون خۇپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى پاۋلوۋ نىسەي ئالىي خەلقئارا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋەلى ناسىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ كۆپ تۈرلۈك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى چۈشەندۈردى، بۇ سىرتقى ساھەنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەنقىدلىشىگە قارىتا ئۆزىنى ئاقلىغانلىق.


بىر يىل ئالدىدا ئاشكارىلانغان پىرىزما ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىناۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى. سۇرىيە كىرزىسىدىن ئۇكرائىنا ۋەقەسىگىچە، ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئاجىزلىقىنى ئەيىبلەش ئۈزۈلمىدى. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئوباما ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئوڭىشسىزلىقىنى كەسكىنلەشتۈرۋەتتى، بۈگۈنكىچە تاقالمىغان گۇەنتانامۇ تۈرمىسى ئامېرىكا كۆتۈرۈپ چىققان ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت بايرىقىنىڭ يالغانلىقىنى نەچچە ھەسسە كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ 2014-يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى يېقىنلاپ قالدى، ئوبامانىڭ 2-قېتىم ۋەزىپە ئۆتىشى قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.


مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىسىدا، ئوبامانىڭ ئەڭ يېڭى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىشى-جاۋاب بېرىش ياكى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا رەتكە سېلىش ۋە ئوچۇق ئۇقتۇرۇش ئىدى. بەزى تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئۇرۇش دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى. چۈنكى نەچچە كۈن ئالدىدا ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى جاكارلىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئوباما ئامېرىكىنىڭ يەر شارى رەھبەرلىك كۈچى ۋە ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس توغرىسىدا نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك.

ئومابا ئامېرىكىنىڭ يەنىلا قۇدرەتلىك بولۇشىتا ئۈچ ئاساس بار دەپ قارايدۇ: ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچراش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن؛ ئىقتىسادى جەھەتتە ئامېرىكا يەنىلا يەر شارىدىكى ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە شۇنداقلا سودىدا يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىقتىسادى گەۋدە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى كۈنسېرى مۇستەقىل بولماقتا. ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدا نۇرغۇن كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرى بار.

 

ئوباما ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا قانداق رەھبەرلىك قىلىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى تەھدىتكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا چوقۇم قۇرال ۋاسىتىسىنى تاللايدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت ئالدىدا ئامېرىكا يالغۇز ئۇرۇش قىلمايدۇ، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىدۇ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ياكى كۆپ تەرەپلىك ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق، بۇنى ھەل قىلىدۇ. ھارغۇچە تەنقىدلىنىۋاتقان قۇرال كۈچى ئىشلەتمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا ئوباما چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: گەرچە ھەربىي كۈچ ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ تۈۋرۈكى بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ھەربىي ھەرىكەتنى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان بىردىنبىر ۋاستە قىلماسلىق كېرەك.


ئوباما مۇنداق دېدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە تەھىدىد تېررورلۇق. بۇنىڭغا قارىتا ئوباما بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شېرىكلىك فوندى تۇرغۇزۇش پىلانىنى جاكارلىدى ھەمدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنى تەستىقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تۈر فوندى ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى ئالدىنقى سەپ دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.


ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يەر شارى رەھبەرلىك ئورنى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كىرزىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇڭگو، بىرازىلىيە، ھىندىستان قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر قەد كۆتۈرمەكتە ھەمدە ئامېرىكا بىلەن سۆز قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىشقا ئۇرۇنماقتا.


ئامېرىكا يېڭى بىخەتەرلىك مەركىزى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تۈرىنىڭ مۇدىرى پاترىك كىرونى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئوباما داۋاملىق دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىش رولىنى ساقلايدۇ ھەمدە زېھىنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدىمەكتە. ئوباما ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ھېچقانداق بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش چېكىنى ئۆستۈردى.



خەتكۈچلەر:
01-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek