ئەنگىلىيەلىك ئايال ناخشىچى ئادەلنىڭ يېڭى پلاستىنكىسى «25» 20-نويابىر رەسمىي تارقىتىلدى. ئامېرىكا ۋاقتى مۇشۇ ھەپتە پەيشەنبە كۈنى 27-نويابىر، بۇ پلاستىنكىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىش مىقدارى ئۈچ مىلىيوندىن ئېشىپ، سۇپېر ئوغۇل (N Sync) نىڭ 2000-يىلىدىكى پلاستىنكىسى «No Strings Attached» نىڭ 2.42 مىلىيونلۇق تۇنجى ھەپتىلىك سېتىش رېكورتىدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرغا قەدەر، بۇ رېكورت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ. بىلبورد ئامېرىكا ۋاقتى مۇشۇ ھەپتە يەكشەنبە كۈنى «25» پلاستىنكىسىنىڭ تۇنجى ھەپتىلىك ئېنىق سېتىلىش مىقدارىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ.
«25» بولسا ئادەلنىڭ ئۈچىنچى پلاستىنكىسى، پەيشەنبە كۈنى، بۇ پلاستىنكىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى سېتىش مىقدارىمۇ 737 مىڭ پارچىدىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئادەلمۇ ئۆزىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا تۆت يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سەييارە ئويۇن قويۇشنى رەسمىي قوزغىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلغان سەييارە ئويۇن قويۇش شەھىرى ياۋروپا شەھەرلىرى بولۇپ، باش بېكەت بېلفاسىت، سىتوكھولىم، بېرلىن، لىسابون، ۋېرونا، ئامىستىردام، پارىژ ۋە ئانتىۋېرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە ئادەلنىڭ ئامېرىكىدىكى سەييارە ئويۇن قويۇش پىلانى ئاشكارلانمىدى، ئەمما يېڭى پلاستىنكىسىنىڭ سېتىش مىقدارىنى ئويلىشىپ، بىر مەيدان سەييارە ئويۇن قويۇش تەبئىيلا كەم بولمايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved