رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-ئىيۇن مۇنداق دېدى: رۇسىيە قىسىم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ، قۇدرەتلىك ئارمىيە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پۇتىن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھازىر رۇسىيە نۇرغۇن خېيىم خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا رايون بىخەتەرلىكىدە خىرىسلار ساقلانماقتا. رۇسىيە قىسىم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج، ئەسلىھەلىرى زامانىۋىلاشقان قورال ياراقلىرى كۈچلۈك قىسىم دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىيالايدۇ، شۇنداقلا خەلقنى تىنچ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە تىرىشىپ ئىستراتېگىيەلىك يادرولۇق كۈچىنى زورايتىپ، ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئە قىسمىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئەسكىرى كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە قورال جابدۇقلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved