جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئانىسى ساكىنە پايۋاندى 90 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. رۇھانىينىڭ ئانىسى بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرەتلىرى تىۋىتتردا تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەر تەزىيە بىلدۈردى.
ئىران رەسمى ئاخبارات ئورگىنى «Press TV» نىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئانىسى ساكىنە پايۋاندى بىر قانچە ئايدىن بۇيان كېسىلى ئېغىرلاشقان بولۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان، ساكىنە خانىم داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ساكىنە خانىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىران پرېزىدېنتى رۇھانى، ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تىۋىتتىر ھىساباتىدا ئاشكارىلىغان ۋە مۇنداق ئىلاۋە يازغان ؛«بىر ئانىنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭسىز تۇنجى قېتىم ئازابلىنىپ كۆز يېشى تۆكۈشتۇر».
ساكىنە خانىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن كېيىنلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي رۇھانىيغا تەزىيە ئۇچۇرى ئەۋەتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا مۇندا دېيىلگەن؛ «ئىران پرېزىدېنتى رۇھانىينىڭ ئانىسى ساكىنە پايۋاندىنىڭ ۋاپاتى سەۋەبلىك رۇھاني ۋە ئائىلىىنىڭ مۇسىبىتىگە ئورتاقمىز. ئائىلىسىنىڭ خۇشاللىق ۋە ئۈمىدلەر تولغان ئەنئەنىۋى نۇرۇز بايرىمى ھارپىسىدا بۇنداق مۇسىبەتكە ئۇچرىشى ناھايتى ئېغىر. لوزاندىكى مۇزاكىرىلەردە بىرگە بولغان قېرىندىشى، ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ھۈسەيىن فەرىدۇن ۋە ئائىلىسىگىمۇ سەبىر تىلەيمىز» دېيىلگەن.
رۇھانىنىڭ ئانىسى يەكشەنبە كۈنى تۇغۇلغان يۇرتى سۇرھە مەھەللىسىدە دەپنە قىلىنىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 27-ماي، سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى يەمەن پايتەختى ساناغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 80 دەك پۇقرا قازا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved