ياپونىيە خەلقىنىڭ قاباھەتلىك چۈشى

‏ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئابى شېنزو كابېنتى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىزاھاتى، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ ئىش تېزدىن ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ياپونىيەدە كۈچلۈك قارشىلىق دولقۇنىغا دۇچ كەلدى، نۇرغۇن ئادەم باش ۋەزىر سارىيىنى قورشىۋېلىش، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئېتىراز بىلدۈرۈش قاتارلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى، ھەتتا ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىمۇ ياپونىيەدە بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى يەرلىك خاراكتېرلىك ئېتىراز ھەرىكىتى پەيدا بولمىغان دېدى.


ئابى شېنزونىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش-ئاكتىپ تىنچلىقپەرۋەرلىك بولۇپ، ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتكە قاراپ تاشلىغان تۇنجى قەدىمى ئىكەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ياپونىيە ئاممىسىغا ناھايىتى ئېنىق. ئۇلار ئۇرۇشنىڭ دەردىنى تارتقان، مەيلى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قان تۆكۈلۈش، جاندىن ئايرىلىش بولسۇن، مەيلى ئۇرۇشتىن كېيىنكى جاراھەت بولسۇن، قاباھەتلىك ئەسلىمە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان كەچمىش بولۇپ قالغان. ئابى شېنزونىڭ بۇ خىل ئۆز بېشىمچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇشنىڭ قارا بۇلۇتلىرى قايتىدىن شەرقىي ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئاسمىنىنى قاپلىشى، ياپونىيە بالىلىرىنى قايتىدىن ئۇرۇش مەيدانىغا سۆرەپ چىقىپ، ياپونىيەنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن. بۇنداق خەتەرلىك قىلمىشقا ياپونىيە ئاممىسى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟


‏بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئابى شېنزو كابېنتى ئەلرايىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. بىر تەرەپتىن، جۇڭگو تەھدىت نەزەرىيەسىنى جېنىنىڭ بارىچە داۋراڭ قىلىپ، جۇڭگونى قىياسىي دۈشمەن دەپ قارىدى، ھەمىشە بەزى بەتناملارنى چاپلاپ، ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىشكە ئىمكانىيەت ياراتماقچى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز پارتىيەسىدىكى كىشىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئەستايىدىل تاللىدى. ئۆز ئادەملىرىنى كابېنت قانۇنچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىزاھاتىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قانۇننى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنى ئېنىقلا بىر نەچچە سىياسەتۋاز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ يەڭ ئىچىدە بېكىتكەن، ئارقىدىن تەپتارتماستىن بۇ قارار-ھازىرقى ئاساسىي قانۇن ئاساسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان دەپ تۇرۇۋالدى. بۇنداق رەزىل ئويۇن نومۇسسىزلىق، شەرمەندىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


ياپونىيە ئوڭقانات كۈچلىرى تارىخنىڭ چاقىنى جاھىللىق بىلەن كەينىگە ياندۇرماقتا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا تاجاۋۇزچىلىق ئىرسىيىتىنىڭ ۋەسۋەسىگە سالغانلىقىدا. شۇنىسى ھەممىگە ئايانكى، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى تارىختا ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان. لېكىن تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن، ئۇلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ھېساب ئېلىنمىغان شۇنداقلا ئۆز قىلمىشىغا ھەقىقىي تۆۋە قىلمىغان. بۈگۈنكى كۈندە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلاشقىنىغا 70 يىلغا يېقىن بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات چېكىنىش، سىياسىيدا ئارقا-ئارقىدىن قاتماللىققا چۈشۈپ قىلىش ئالدىدا، ئوڭقانات كۈچلەر ھەربىي كۈچكە تېخىمۇ مەپتۇن بولماقتا. بۇنداق كېڭىيىش ھاياجىنىنىڭ تۈرتكىسىدە، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت بۇ قانۇن نۇقتىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ياپونىيە ئۇھ دېيەلەيدىكەن. تارىخ ھەمىشە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئابى شېنزو كابېنتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ھازىرغىچە، ئەرۋاھ تاختىسىنى تاۋاپ قىلىش، توكيو سوتىدىن گۇمانلىنىش، تارىخىي دەرسلىكلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق چەكتىن ھالقىغان قىلمىشلىرى ئۈزۈلمەي، ئوڭچىللىق ئىدىيەسىنى قوزغىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇرۇشخۇمارلىققا تايىنىش يولى ئەينى يىللىرىدىكى گېتلىرغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولدى، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىماي تۇرالمىدى.


بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغان ئابى شېنزونىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق، ھەققانىيەت، ئادالەتكە خىرىس قىلغانلىق. ياخشى يېرى شۇكى، يەنىلا نۇرغۇن ياپونىيە ئاممىسى سەگەك تۇرماقتا. ياپونىيە ئوڭقانات كۈچلىرى جاھىللىق ۋە ئۇرۇشخۇمارلىق گېنىنىڭ تۈرتكىسىدە، داۋاملىق جېنىنىڭ بارىچە ئەلرايىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ، يەنە تېخىمۇ نۇرغۇن ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. بۇنى تىزگىنلەشتىكى ئۈمىد ياپونىيە خەلقىدە، ياپونىيە خەلقى بۇنىڭ ھەممىسىگە كۆزىنى چوڭ ئېچىپ قاراپ باقسىلا، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ئويۇنىنىڭ زادى قارىسىغا ئىش قىلىش ئىكەنلىكى، ئاخىرىدا ئۆزىگە ئۆزى بالايى-ئاپەت تاپىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
06-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek