ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فۇتېنما ئايرودرومى (ئوكىناۋا ئوبلاستى يىيېۋەن شەھىرىگە جايلاشقان) ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننى لازېر نۇرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۈچلۈك نۇر بىلەن يورۇتقانلىقى ۋەقەسىدە، ياپونىيە ئوكىناۋا ساقچى تەرەپ 7–چېسلا «ھەيۋە كۆرسىتىپ توسقۇنلۇق قىلىش» سەۋەبلىك يىيېۋەن شەھىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ خادىمى خىرائوكا (56 ياش) نى قولغا ئالغان.ياپونىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېگەن، خىرائوكا شۇ جاي ۋاقتى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى كەچ سائەت توققۇزدىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆز ئۆيىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا تۇرۇپ، 300 مېتر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسىنى بېسىپ ماڭغان بىر تىك ئۇچارنى ئۈچ قېتىم يېشىل نۇر بىلەن يورۇتۇپ، ئۇچۇش مەشقىنىڭ توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىگە توسقۇنلۇق قىلغان.
ئوكىناۋا ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇنداق ئۇقتۇرۇش قىلغان، 2014–يىل 7 – ئايدىن بۇ يىل 7–ئايغا قەدەر، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تىك ئۇچار لازېر نۇرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇر بىلەن جەمئىي ئالتە قېتىم يورۇتۇلغان. ساقچى تەرەپ خىروئوكانىڭ بۇ ئىش بىلەن قانچىلىك چېتىشلىقى بارلىقى ۋە نېمە مەقسىتى بارلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولغان.
7–چىسلا، ئوكىناۋا ساقچى تەرەپ گۇماندارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ماشىنىسىنى ئاختۇرۇپ، لازىر نۇرلۇق قەلەمگە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇيۇملارنى تۇتۇپ قالغان.
ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لازېر نۇرى بىلەن يورۇتۇشنىڭ خېيم خەتىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ھەمدە «لازېر نۇرى بىلەن يورۇتقاندا ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ شۇ ھامان كىچىكلەپ كېتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىنى كۆرۈپ ماڭغاندا، لازېر نۇرى بىلەن يورۇتۇلسا پۈتۈنلەي كۆرەلمەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved