جۇڭگو بۇندىن كېيىن ئافرىقىغا ياردەم بېرىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

زۇڭلى لې كېچىياڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5كۈنى ئەتىگەن ئەددىس ئەبىبەدىكى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ باش شىتابىدا جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتايلى دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى .

لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹ ئافرىقا دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇبلىشىشى ،خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېمكۇراتىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ بۇلۇپ قالدى . ئۇ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم قۇتۇب ، ئافرىقا دۇنيا ساھەسىدىكى ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز رايونلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ،دۇنيادىكى مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازا .

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى قۇتۇپ . ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن مەدەنىيىتى ۋە كەلگۈسى پارلاق.دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بۇلۇپ ،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مول كۆپ خىللىقى ۋە ئالماشتۇرۇپ تارقىتىشتا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە ،ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدار بىر قۇتۇبى ›.


لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى :‹رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر ئافرىقىدا ئوڭۇشلۇق زىيارەتتە بۇلۇپ ،جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سەمىمىىي ،يېقىن ،چىن بۇلۇش ئىدىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ،جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . جۇڭگو ئىزچىل بۇ ئىدىيىگە ئەمەل قىلىپ .

ئىككى تەرەپنىڭ جاپادىمۇ ،خۇشاللىقىمۇ بىللە بولۇش ،تەڭ تەرەققىي قىلىش ، مەدەنىيەتتە ئۆز -ئارا ئۈلگە ئېلىشتىن ئىبارەت دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ . جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىدا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ،ئىتتىپاق ھەم بىر -بىرىگە ئىشىنىش ،كەڭ قورساقلىق بىلەن بىرلىكتە تەرەققى قىلىش ، ھەمكارلىقتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق تۆت پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كەسىپ ھەمكارلىقى ،پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ، نامراتلىقنى ئازايتىش ھەمكارلىقى ،ئېكىلوگىيىلىك قوغداش ھەمكارلىقى .

تىنچلىق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقى مۇنبىرىدىن ئىبارەت مۇھىم سۇپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ،جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ،ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى يارىتىش كېرەك ›.


ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى خەيئىن مارىيان ،ئافرىقا ئەللىرى كومىتېتى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى زۇما ،ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ،ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەلچى كىم خان جانا سۆز قىلدى، شۇ جاي ۋاقتى 5ماي چۈشتىن بۇرۇن ،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئەددىس ئەبىبەدىكى باش شىتابىدا ،ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى .

لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹جۇڭگو ئىزچىل ،جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئىستىراتېگىيىلىك نەزەر ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ كەلدى .ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى ،ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى قەتئىي قوللايدۇ .

ئافرىقا ئىتتىپاقى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ،جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق ئىستىراتېگىيىلىك سۆھبەت مىخانىزىمىىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ،ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ .


لى كېچىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرىد ى :‹ جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ ،تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ماھىيەتتىن تۈزەشكە مۇھتاج ،بۇنىڭدا مۇھىم ماھىيەتتە تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ب د د قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇۋاپىق تەلەپلىرى ۋە تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىپ ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ ،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ›.


زۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹جۇڭگو ئافرىقىنىڭ سەمىمىي دوستى ،جۇڭگو ئافرىقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىدە بىز تەرەپتە تۇرۇپلا قالماي يەنە ئافرىقىنىڭ تىنىچ تەرەققىيات ھەم بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،خەلقئارا ئىشلىرىدىكى پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىنى باشتىن ئاخىرى قەتئىي قوللىدى ، ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ،ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ،تېخىمۇ ئادىل مۇۋاپىق تەرتىپتە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ ،.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن لى كېچىياڭ بىلەن زۇما ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد تېخنىكا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرلىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىد بولدى .زۇڭلى لى كېچىياڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ،ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى خەيئىن مارىيان ،ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن بىرلىكتە ئەددىس ئەبىبەدىكى ئافرىقا ئەللىرى يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو تۆمۈر يول ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى .

لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ جۇڭگونىڭ تۆمۈر يول ،ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش تېخنىكىسى ئۈسكۈنىسى مۇكەممەل ،تىجارەت تەجرىبىسى مول ،سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە ،ئىقتىدارى يۇقىرى ،خەلقئارا بازاردىكى ئىناۋىتى ياخشى ،جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تۆمۈر يول قۇرلىشىغا قاتنىشىپ ، ئافرىقىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىدىن ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە پايدىلىنىشنى خالايدۇ ،جۇڭگو ئافرىقا رايونى ئاۋىئاتسىيە ھەمكارلىقى پىلانىنى يولغا قۇيۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .

جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىپ ،ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇرۇشنى قوللايدۇ ،پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەپ ،ئافرىقىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئافرىقا بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى خالايدۇ ›. 

 

لى كېچىياڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېفىئوپىيە زۇڭلىسى خەيئىن مارىياننىڭ ھەمراھلىقىدا ئەددىس ئەبىبەدىكى رېلىسلىق قاتناش تۈرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى . ئەددىس ئەبىبە شەھىرىدىكى رېلىسلىق قاتناش تۈرى ئېفىئوپىيە ۋە شەرقىي ئافرىقا رايونىدىكى تۇنجى شەھەرلەر ئارا رېلىسلىق قاتناش تۈرى شۇنداقلا جۇڭگو شىركىتى ئافرىقىدا ياسىغان تۇنجى شەھەر رېلىسلىق قاتناش تۈرى ھېسابلىنىدۇ .

لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ جۇڭگونىڭ تۆمۈر يول سۈپىتىنى يارىتىش ،تۆمۈر يول قۇرلىشى تەجرىبىسىدىن ئافرىقا بىلەن تەڭ مەنپەتلىنىپ ،جۇڭگونىڭ پىشقان تېخنىكىسىنى ئورتاق قوللىنىپ ،ئافرىقىلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتۇپ ،شۇ يەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بۇلىشى كېرەك ،.

زۇڭلى لى كېچىياڭنىڭ خانىمى چېن خۇڭ شۇ كۈنى ئېفىئوپىيە زۇڭلىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەددىس ئەبىبە ئۇنىۋېرسىتىدا زىيارەتتە بولدى ،ھەمدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
08-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ۋاڭيى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek