خەلق ساقچىسى ۋاڭ زىخەن يارىدارنىڭ يېنىدا 120 نى كۈتمەكتە. ئۇ نەق مەيداننى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، موتوسىكلىت مىنگەن شيا ۋۇنىڭ كۆزىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جاڭ فامىلىلىك بىرەيلەننىڭ باش قىسمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقايدۇ. خەلق ساقچىسى ئىككىيلەننىڭ يارىلىرىنى دەسلەپكى قەدەم بىرتەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يارا ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس ئىدى، يارىدار ھوشسىز ھالدا ياتاتتى. ۋاڭ زىخەن ئەتراپتىكىلەرنى يارىدارنىڭ يېنىغا كەلمەسلىككە جېكىلىدى. بۇ چاغدا ھاۋا بۇزۇلۇپ يامغۇر يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، ۋاڭ زىخەن كىشىلەردىن كۈنلۈك ئارىيەتكە ئەكىلىپ يارىدارنىڭ بېشىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. 1- دېكابىر بۇ كۆرۈنۈشلەر توردا تارقىتىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغايدۇ.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 30-نويابىر كەچ سائەت 8:30 لاردا، شىڭۋېن ناھىيەسى دابېي مياۋزۇ يېزىسىدىكى كونا ماشىنا بېكىتى ئەتراپىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved