لەگلەك تورى تەرجىمىسى، شىنخۇا تورى 24-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 24-ئىيۇل ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر پويىز يول ئېغىزىدىكى بىر ئوقۇلبۇسنى سوقىۋېتىپ، 13 ئوقۇغۇچى قازا قىلغان. ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 7 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان 16 بالا ۋەقەدە يارىلانغان ھەمدە شۇ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ۋەقە يېڭى دېھلىنىڭ جەنۇبىغا 1500 كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاندا پويىز ۋەقەسى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىكەن. كۆپ قىسىم ۋەقەلەر تۆمۈر يولنى ئاسراش يېتەرلىك بولماسلىق ۋە ئادەم ئۆتكۈزگەن خاتالىق تۈپەيلى يۈز بېرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved