شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن راھىلە تەرجىمىسى)
نەچچە كۈن ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى تېكاچېۋ رۇسىيەنىڭ گېنى يۆتكەلگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېكاچېۋ رۇسىيە پرىزدېنتىغا خىزمەتنى دوكلات قىلغاندا:«رۇسىيەنىڭ زېمىنى كەڭ، يېشىل ئاشلىق تېرىشقا يېتەرلىك شارائىتى بار، شۇڭا گېن يۆتكەش تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاشلىقلارنى ئىشلەپچىقارمايمىز» دېگەن.
تېكاچېۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېرىلمىغان يېڭى يەرلەرنى ئېچىش ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنە 15 مىليون توننىدىن 20 مىليون توننىغىچە ئاشۇرىدىكەن.
مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ 2015-يىلدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشقان. تېكاچېۋنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بۇلتۇر 30 مىليون توننا ئاشلىقنى ئېكىسپورت قىلىپ، 25 مىليون توننا ئاشلىقنى زاپاس ساقلىغان.
خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مەسلىسى تىلغا ئېلىنغاندا، تېركاچېۋ:« رۇسىيە پەقەت %18 خىمىيەۋى ئوغۇتنى دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا ئىشلىتىدۇ، قالغان ھەممىسىنى ئېكىسپورت قىلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى خىمىيەۋى ئوغۇتلارنىڭ باھاسى قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ، ئوغۇتنىڭ باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ» دېگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved