رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى لاۋروف رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقى تور بېكىتىدە 25-ئۆكتەبىر سۆھبەت بايان قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا يېڭى بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلگە كىردى، يەر شارى كۈچ تەڭپۇڭلىقى قايتىدىن تەشكىللىنىۋاتىدۇ، كۆپ مەركەزلىك يېڭى دۇنيا تەرتىپى سىستېمىسى شەكىللەنمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى دۇنيا شەكىللىنىش داۋامىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، كۆپ خىللىشىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، خەلقئارا قانۇنغا بۇيسۇنۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ، ھەرگىزمۇ قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved