خەلقئارادا نېفىت باھاسى 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى

     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، نيۇيورك، 11ـ يانۋار تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە نېفىت ئېكىسپورتىنى كۆپەيمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكتىن، خەلقئارادا نېفىت باھاسى 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 32 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلىدى.

     نيۇيورك بازىرىدا غەربىي تېكساس نېفىتىنىڭ باھاسى 1.75 دوللار تۆۋەنلەپ، ھەر بىر تۇڭنىڭ باھاسى 31.41 دوللار بولغان. بۇ باھا 2003ـ يىلى 23ـ دېكابىردا بىر قېتىم كۆرۈلگەنىكەن.

     نېفىت باھاسى ئالدىنقى ھەپتە %10 چۈشكەن. بۇ ھەقتە گېين مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى فىياد مۇنداق دېدى: «ھازىر كىشىلەر نېفىت باھاسىنىڭ يەنە ئۆرلەيدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى، شۇڭا بازار كەيپىياتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، نېفىت باھاسى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى، شۇنداقلا ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىراندىن كېلىدىغان يېڭى نېفىت تەمىناتى نېفىت بازىرىنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلەشتىكى مۇھىم ئامىلى بولۇپ قالىدۇ. ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىران خەلقئارا بازارنى كۈنىگە 1 بىر مىليون تۇڭدىن ئارتۇق نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ».

بلومبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنىڭ 12ـ يانۋاردىكى خەۋىرى: خام نېفىت باھاسى 11ـ يانۋار يەنە شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى، شىمالىي دېڭىز بېرېنت خام نېفىتى ۋە غەربىي تېكساس خام نېفىتىنىڭ باھاسى %6 چۈشتى. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نېفىت تەمىناتىنىڭ باھا چۈشۈشكە بولغان ئىنكاسى داۋاملىق ئاستا بولۇۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى نېفىت ئېھتىياجى سەل تۆۋەنلەيدىغاندەك قىلىدۇ».

     نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، مورگېن سىتانلېي شىركىتى «ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسى 20 دوللارغا چۈشۈپ قالىدۇ» دېسە؛ گۇگگېنخايما شىركىتى «25 دوللارغا چۈشىدۇ» دەپ مۆلچەرلىگەن.

    ئەنگلىيەدىكى «پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 12ـ يانۋاردىكى خەۋىرى: نېفىت باھاسى داۋاملىق چۈشتى، نۇرغۇن شىركەتلەر «نېفىت باھاسى يەنە چۈشىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.

     جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئۆتكەن ئون يىلدا خەلقئارادا نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغانىدى، بىراق يېقىندىن بۇيان بازاردىكى نېفىت تەمىناتىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى، بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى يەنە بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا بانكىسى مېررىل لىنچ گۇرۇھى 11ـ يانۋار 2016ـ يىلىدىكى خام نېفىت باھاسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن، ئۇلار بۇنىڭغا نېفىت ئېكسپورت ئەللىرى تەشكىلاتىنىڭ تەمىناتنى ئاشۇرۇۋېتىشى، نېفىت ئىسكىلاتىنىڭ توشۇپ كېتىشى دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئانالىزچىلىرى نېفىت باھاسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ھازىرلاتىن پەرەز قىلىشنىڭ سەل بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    5-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان يامار سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى. بۇ تۈر 2019-يىلى پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. يامار تۈر قۇرۇلۇشى يېقىن ئەتراپتىكى 900 مىليارد ...
06-05-2016
    جۇڭگونىڭ بىرژا ۋە باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ بېسىم قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھايانكەشلىك ئەسەبىيلىكى پەسەيدى، تۆمۈر رۇدىسى يەنە ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.   &n...
04-05-2016
    يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىز E دەرىجىلىك Coupe تىپىنىڭ بىر قاتار ئەڭ يېڭى جاسۇسلۇق سۈرىتىنى ئاشكارلىدى، يېڭى ماشىنىنىڭ 2017-يىلى پەيدا بولىشىدىن ئۈمىد بار. ئىلگىرى ئاشكارلانغان ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇر...
03-05-2016
    خەلقئارا نېفىت ئۇچۇر مەركىزى تارقاتقان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 4- ئاينىڭ 29- كۈنىگە قەدەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەييار ماي باھا كۆرسەتكۈچى 583.96 نۇقتىغا چىقىپ، ئۆسۈش چاستۇتىسى %0.93 بولۇپ، كىچىك دائىرلىك ئۆسۈش بارلىققا كەل...
02-05-2016
    بلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئاممىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساداسى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ھۆكۈمىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بول...
01-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى رايونىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.53  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.39 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.80 يۈەن...
29-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىنتېل شىركىتى 3.5mm لىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان رەقەملىك USB-C ئېغىزىنى ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يېڭى بىر تۇتاش ئۆلچىمى قىلىدىكەن. بۇ ئىنتېل تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغ...
29-04-2016
     خەلقئارا نېفىت باھاسى 29-ئاپرېل ئاسىيا بازىرىدا ئاز مىقداردا چۈشتى، ئەمما ئاخشام ياراتقان بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ئورنىغا يېقىن ھالەتتە بولدى، ئوتتۇرا شەرق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۆرلەش ئېھتىماللى...
29-04-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندىرى بىلىيانوۋ رۇسىيە ئىران بىلەن 5-ئايدا رۇسىيەگە ئاسان چىرىيدىغان يېمەكلىك تەمىنلەش «يېشىل كارىدورى» قۇرۇش كېلىشى...
29-04-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى كالۇژىسكايا ئوبلاستىدىكى بىر تەبئىي گاز تۇربىسىغا ئوت كېتىپ، جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ مەركىزى رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقا...
Powered by Leglek